تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

سانجى ئوبلاستىنىڭ يېشىل زاۋۇت قۇرۇلۇشى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى گې يوۋجۈن، شى شىن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ شى خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 1- كۈنى، فۇكاڭ كەسىپلەر رايونىدا، شىنجاڭ مىنشىن پولات - تۆمۈر (گۇرۇھى) مىنخاڭ تېگاڭ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 100 توننىلىق بىر ئېلېكتىرىك پېچ سېخىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى جىددىي قۇرۇلۇۋاتاتتى.

«بۇلتۇر شىركەت 1 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئالماشتۇرۇش ھەم ھاسىلىي ماددىي ئەشيالارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈرىنى باشلىدى.» شىنجاڭ مىنشىن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جېڭ رېنئەي مۇنداق دېدى: «تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېنېرگىيە سەرپىياتى %73.69 تۆۋەنلەيدۇ، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى %94.85 ئازىيىدۇ، ئازوت ئوكسىدلىرىنى قويۇپ بېرىش مىقدارى %82 ئازىيىدۇ».

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يېشىل زاۋۇت، يېشىل مەھسۇلات، يېشىل باغچە رايونى ۋە يېشىل تەمىنات زەنجىرى قۇرۇشنى كارخانىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، «يېشىل موتور»نى كۈچەپ يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ ساڭمەييۈەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كىرگىنىمىزدە، مۇئاۋىن باش دىرېكتور لى جۈن خېرىدارلارغا يېڭى مەھسۇلات شۆخۇا ماركىلىق ئۇننى تونۇشتۇرۇۋاتقانىدى. «ئىلگىرى، شىركەتتە سەككىز - توققۇز خىل ئوخشاش بولمىغان دەرىجە ۋە ئۆلچەمدىكى ئۇن بار ئىدى. بۇ يىل 6- ئايدا شۆخۇا ماركىلىق ئۇن بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بايراقدار مەھسۇلاتىغا ئايلاندى.» لى جۈن مۇنداق دېدى: شۆخۇا ماركىلىق ئۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىدا ئەلا سۈپەتلىك خام ماتېرىيالدىن باشقا يەنە بىر ناھايىتى مۇھىم ھالقا بار بولۇپ، ئۇ دەل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت.

2017- يىلىدىن بۇيان، ساڭمەييۈەن 7 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇن تارتىش ماشىنىسى، ئۇن تازىلاش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇغداي ۋە ئۇن سۈپىتىنى ئانالىز قىلىش، تەجرىبە قىلىش ئىلغار ئۈسكۈنىسىنى كىرگۈزدى. لى جۈن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش قىلغاندىن كېيىن، كارخانىمىز دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت نامىغا ئېرىشىپ، ئىشلەپچىقارغان ئالاھىدە 1- دەرىجىلىك ئۇن، ساپ بۇغداي ئۇنى، بۇغداي ئۆزىكى ئۇنى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىردەك دۆلەتنىڭ يېشىل A دەرىجىلىك مەھسۇلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، بۇ ئورگانىك مەھسۇلاتلار بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا سېتىلدى.

شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى قويۇق تۇز سۈيىنى يىغىۋېلىپ بىر تەرەپ قىلىش - قايتا پايدىلىنىش تۈرى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شەرقىي جۇڭغارنىڭ ئايلانما ئۆزگەرتىش نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاچقۇچلۇق تولۇقلاش زەنجىرى تۈرى بولۇش سۈپىتىدە، ھەر يىلى قايتۇرۇپ ئىشلىتىلىدىغان سۇ مىقدارى 1 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى. شىنجاڭ شەرق ئۈمىد رەڭلىك مېتال چەكلىك شىركىتى 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان قالدۇق ئىسسىقلىقتىن توك چىقىرىش سىستېمىسى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شەكىللەنگەن زور مىقداردىكى قالدۇق ئىسسىقلىقنى پېچ ئىچىدىكى پار - سۇ سىستېمىسى ئارقىلىق ئىسسىقلىق مىقدارىغا ئالماشتۇرۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىملىق پار پار تۇربىنىسى ئارقىلىق توك چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پار گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق 120 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق زاۋۇت ئۆيى ۋە ياتاقنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ، 3000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

«يېشىل ياساش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، قويۇپ بېرىشكە چەك قويۇپلا قالماي، يەنە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تىزگىنلەش كېرەك؛ جەريانى پاكىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئايلانما ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن يىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، سانجى ئوبلاستى «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەردىن 137نى رەت قىلىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش» كۆرسەتكۈچىنى تۇنجى قېتىم قوش تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئىستېمال مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.0 تۆۋەنلىدى، 10 مىڭ يۈەنلىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.73 تۆۋەنلىدى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما يېشىل ياساش سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى.

ھازىرغا قەدەر، سانجى ئوبلاستىدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل ياساش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان ئورۇن 44 بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە %34.11نى ئىگىلىدى؛ دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل ياساش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغان ئورۇن 25 بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە %46.30نى ئىگىلەپ، سان جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى