تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ماناس ناھىيەسى تياۋيۈ ئارىلى مەنزىرە رايونى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى

  پائالىيەت نەق مەيدانى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شىمىڭ، لۇ كەي، ۋارىسجان، لى مېڭۋېي، خۇ چىڭباۋ، جۇ مېڭياۋ فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، «شىنجاڭ ياخشى جاي — يىلدىن يىلغا زورىيىۋاتقان تياۋيۈ ئارىلى» ماناس ناھىيەسى تياۋيۈ ئارىلىنىڭ ئارالنى ئېچىش بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك سۇ چېچىش شادلىق بايرىمى گۇاڭدۇڭدى يېزىسى شياۋخەيزى كەنتىدىكى تياۋيۈ ئارىلى مەنزىرە رايونىدا باشلاندى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە چېگرا بوستانلىقىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، سۇ چېچىش شادلىقىنىڭ قايناق ھېسسىياتىنى ھېس قىلدى. لاي سۇدا بېلىق تۇتۇش، قۇرۇق قول ئۆردەك تۇتۇش، بېلىق تۇتۇش مۇسابىقىسى قاتارلىق ئالاھىدە پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنى بالىلىق چاغلىرىدىكى خۇشاللىققا چۆمدۈردى، قۇملۇقتا ئارغامچا تارتىشىش، قۇملۇقتا گۆھەر ئىزدەش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر كەڭ ساياھەتچىلەرنى تومۇز ئىسسىقتىكى سالقىنلىقتىن ھۇزۇرلاندۇردى.

  پائالىيەت نەق مەيدانى

  بۇ يىلدىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى ئاپتونوم رايون، ئوبلاستنىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تەرەققىيات تەپەككۇرىنى زىچ چۆرىدەپ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ «ئۈچ لىنىيە، ئىككى تىرەك نۇقتا» كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، «ئېكولوگىيەلىك ساياھەت» تەرەققىياتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازىمەنلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلدى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق بايرام پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، ناھىيە بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 563 مىڭ 100 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49 ئاشتى؛ ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 2 مىليارد 657 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 米克古丽·纳赛尔

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش