تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

بۇرچىن: مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

  شىنخۇا تورى خەۋىرىسەككىزىنچى ئاي بۇرچىندىكى مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارقىلىدىغان مەزگىل.

   8-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇرچىن ۋۇسەيتەندىن قاناسقا بارىدىغان تاشيولنىڭ كېسىشىش ئورنىدا قوغۇن يايمىلىرى ئېچىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. يېقىن بېرىپ قارىغاندا، بۇ يەردە يەرلىكنىڭ داڭلىق شىجوۋمى، جىنيۈشياڭ، لۈگۇيرېن قاتارلىق قوغۇن سورتلىرىلا بولۇپ قالماي يەنە، جۇخارگۈلى، قارا ئالقات، مايلىق ئاپتاپپەرەس قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى بارلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قاتناش قولايلىق بولغاچقا، شۇ جايلىق ھۆكۈمەت قوغۇن-تاۋۇز تېرىيدىغان دېھقانلارغا بىر پارچە بوش يەرنى مېۋە-چېۋە سېتىشقا پىلانلاپ بەرگەن. بۇرچىننىڭ قوغۇنلىرى تەملىك، شېرىن، قەنت تەركىبى يۇقىرى بولغاچقا، بۇ بازار يەنە يېقىملىق قىلىپ «شېرىن ئۆتەڭ» دەپمۇ ئاتالغان.

8-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇرچىن شېرىن ئۆتىڭىدە، يايمىچى ياۋ جۈ ساياھەتچىلەرگە ئۆزىنىڭ قوغۇنلىرىنى تونۇشتۇرماقتا. چېن ۋېن فوتوسى

  ئويماق بازىرى توقمىتى كەنتى ئۇزۇن مۇددەتلىك قوغۇن تېرىش تارىخىغا ئىگە. بۇ يەرنىڭ تۇپراق شارائىتى ياخشى، ئەتراپىدا كۆلىمى 30 مىڭ مو كېلىدىغان سۇ ئامبىرى بار، بۇنىڭغا يەنە يېتەرلىك كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ۋە 16 گىرادۇسلۇق كېچە-كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى قوشۇلۇپ، شۇ جايدىكى قوغۇن شېكىرىنىڭ دەرىجىسىنى باشقا رايونلارنىڭكىدىن 7 شكالا ئەتراپىدا يۇقىرى قىلغان. توقمىتى كەنتى بۇلتۇر «يېسىڭىز ئۆيگە ئېلىپ كەتكىڭىز كېلىدۇ» قوغۇن ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان، تېرىقچىلىق كۆلىمىمۇ دەسلەپكى 200 مودىن ھازىرقى 2000 موغا كېڭەيتىلىپ، ماركىنىڭ داڭقى چىققان.

  شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى قوغۇن تېرىشنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ جاينىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ «دېھقانچىلىق بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش» تەرەققيات ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئورگانىك ئۈزۈش باغچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى بۇرچىندا ھەم تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھەم ئۇلارغا شۇ جاينىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش ۋە ئۈزۈشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى.

توقمىتى كەنتىنىڭ ئۈزۈش باغچىسىدا، خاس كىگىز ئۆي بىلەن مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلىق بىرلىشىپ كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. چېن ۋېن فوتوسى
قوستىق بازىرىنىڭ قىزىل ئۇيېنكى كەنتىگە جايلاشقان قوغۇن ئۈزۈش باغچىسى. چېن ۋېن فوتوسى
قىزىل ئۇيېنكى كەنتىدىكى ئۈزۈش باغچىسىدا، خوجايىن ساياھەتچىگە قوغۇننى تونۇشتۇرماقتا.

  كېيىنكى قەدەمدە، بۇرچىن ناھىيەسى «پۈتۈن رايون ساياھىتى» تەرەققىيات نىشانىنى داۋاملىق چۆرىدەپ، «ساياھەت+ يېزا ئىگىلىكى» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇرچىننىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە بايلىقىنى نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش