تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دىققەت! ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يول بۆلەكلىرىدە يېقىندا سۇ توختايدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر فېي شۈەن خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يول بۆلەكلىرىدە قۇرۇلۇش سەۋەبلىك سۇ توختايدۇ، سۇچىلىق گۇرۇھى بۇ يول بويلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ زاپاس سۇ ساقلىۋېلىشقا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت يولى 216-لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش (شەرقىي 2-ئايلانما) قۇرۇلۇشى (K36+700 ئورنى) ھەم دۆلەت يولى G30نىڭ پارچە ساقالدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى (K3585+050، K3586+900 ئورنى) گەنخېزا سۇ زاۋۇتىنىڭ DN1000mmلىق سۇ يەتكۈزۈش غول تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە رېلىسلىق قاتناش 1-لىنىيەسىنىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى بېكىتى خېنەن يولى DN500mmلىق شەھەر مەمۇرىيىتى بويىچە سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى يۆتكەش، ئۆزگەرتىپ ئۇلاش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، سۇچىلىق گۇرۇھىنىڭ سۇ توختىتىش پىلانى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10:00دىن 8-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 10:00غىچە، دۆلەت يولى 216-لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش (شەرقىي 2-ئايلانما) قۇرۇلۇشى (K36+700 ئورنى) ھەم دۆلەت يولى G30نىڭ پارچە ساقالدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى (K3585+050، K3586+900 ئورنى) گەنخېزا سۇ زاۋۇتىنىڭ DN1000mmلىق سۇ يەتكۈزۈش غول تۇرۇبا لىنىيەسىنى يۆتكەش، ئۆزگەرتىپ ئۇلاش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ سۇ توختىتىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ساڭفاڭگوۋ يولى، ساڭفاڭگوۋ شەرقىي يولى، ياشەن شىمالىي يولى، باۋشەن يولى، شىخۇڭ يولى، غەربىي تاشقى ئايلانما يولى بويىدا بۇنىڭ تەسىرىدە سۇ بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.

  ئىككىنچى، 8-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 10:00دىن 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 10:00غىچە، رېلىسلىق قاتناش 1-لىنىيەسىنىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى بېكىتى خېنەن يولى DN500mmلىق شەھەر مەمۇرىيىتى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى يۆتكەش، ئۆزگەرتىپ ئۇلاش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىپ سۇ توختىتىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خېنەن غەربىي يولى، خېبېي يولى، تەييۈەن شىمالىي يولى بويىدا بۇنىڭ تەسىرىدە سۇ توختايدۇ، بېيجىڭ يولى، خېنەن شەرقىي يولى، قەشقەر شەرقىي، غەربىي يولى، شىمالىي شەھەر غول يولى بويىدا بۇنىڭ تەسىرىدە سۇ بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.

  ئالاقىدار كىشىلەر ئالدىن سۇ ساقلىۋېلىشى كېرەك. ئەگەر ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ياكى ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە سۇ توختاش ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى