8-ئاينىڭ 3-كۈنى، دېھقان جۇڭلياڭ تۈنخې ئۇچتۇرپان مېۋە-كۆكتات شىركىتىگە تۇنجى تۈركۈمدىكى شوخلىلارنى سېتىپ بەرمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر نىيۇ خەييەن فوتوسى، خەۋىرى) بۇ يىل، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى جۇڭلياڭ تۈنخې ئۇچتۇرپان مېۋە-كۆكتات شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، نامرات ئاممىنى 9500 مو يەرگە قىيام شوخلىسى تېرىشقا تەشكىللەپ، دېھقانلارغا كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە دېھقانلارنىڭ ئېتىزىدا پىشقان شوخلىلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.
ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى