تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قورساقنى كىچىكلىتىشتە تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

  سىز قورسىقىڭىزدىكى ئارتۇق گۆش سەۋەبلىك، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشكە جۈرئەت قىلالماسلىقتىن غەم قىلىۋاتامسىز؟ ئەمدى ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ! مودا ژۇرنىلى «COSMOPOLITAN» كۆپچىلىككە قورساقنى كىچىكلىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى، بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى!

  بىرىنچى، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش

  قورساق قىسمىنى ئورۇقلىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كېرەك. ئۈچ ۋاق تاماقتا ئوزۇقلۇق تەكشى بولغان ساغلام يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەك، مەسىلەن، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلارنى تاللاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاتلىق تۈرۈم، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئامال بار ئاز ئىچىش كېرەك، چۈنكى گازلىق ئىچىملىكلەر ئاسانلا ئاشقازان كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، يېشىل چاي بىلەن سۇ تېخىمۇ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، قورساق قىسمىنى چېنىقتۇرۇش

  پەقەت ساغلام بولغان يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىگە تايىنىپلا قورساقنى كىچىكلەتكىلى بولمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر قەرەللىك چېنىقىش ئارقىلىق ساغلاملىقنى ساقلاش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنىڭدا، قورساق قىسمىدىكى ئارتۇق گۆشكە قارىتا ئىشلىنىدىغان ھەرىكەتلەر كەم بولسا بولمايدۇ. مەسىلەن، قورساق قاتلاش ھەرىكىتى ۋە يانچە قورساق قاتلاش ھەرىكىتىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا، ئارتۇق ماينى سىيرىپلا قالماي، يەنە قورساق مۇسكۇلىنى چىقارغىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئورۇقلاش پەرۋىشى

  ئەڭ ئاخىرىدا، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىپ ۋە چېنىقىپ ئورۇقلىغاندىن كېيىنكى ئورۇقلاش پەرۋىشى ئورۇقلاشتا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈمگە ئىگە قىلىدۇ. مەسىلەن، ئورۇقلاش جەۋھىرى سۇيۇقلۇقى ۋە ئورۇقلاش جەۋھەر مېيى سۈرۈش. ئۇنىڭدىن باشقا، قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاشمۇ قورساقنى كىچىكلىتىشتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى