تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئېبنۇر كۆلى ئىككى مىليون قۇشنىڭ ماكانىغا ئايلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې خەۋىرى) 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىر ئېبنۇر كۆلىدە، كۆل يۈزىدە زۇمرەتتەك دولقۇنلارنىڭ داۋالغۇپ، قۇشلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ ئوينىشىۋاتقانلىقىنى، كۆل بويىدىكى قومۇش، توغراقلىقنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە، ئېبنۇر كۆلىدىكى قۇش تۈرلىرى مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 111 خىلدىن كۆپىيىپ 267 خىلغا، قۇشلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئەتىۋارلىق قۇش تۈرى 91 خىل، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان قۇش تۈرى 54 خىل بولۇپ، ئېبنۇر كۆلى قۇشلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ماكانلىشىدىغان جايىغا ۋە پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئۆتەڭ بېكىتىگە ئايلانغان.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى