تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يەنجى ناھىيەسى: يىپەك يولى گۈل دېڭىزىنى ساياھەت قىلىپ، خاس يېمەك-ئىچمەكلەرگە ئېغىز تېگىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن، ما گوچىڭ فوتوسى، خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بېيداچۈ يېزىسى شىخاۋچۈ كەنتىدىكى يىپەك يولى گۈل دېڭىزى يېمەك-ئىچمەك بايرىمى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى گۈزەل سەھرا مىنۇتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

  يىپەك يولى گۈل دېڭىزى يەنجى ناھىيەسىنىڭ بېيداچۈ يېزىسى شىخاۋچۈ كەنت كومىتېتىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا ئۆلكە يولى 218- لىنىيەسىگە تۇتىشىدۇ. گۈل دېڭىزى قۇياش نۇرىدا كۆزنى قاماشتۇراتتى، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى شامال بىلەن ھەر يان تارقىلاتتى، كىشىلەر گۈل دېڭىزىدا توختىماي سۈرەتكە چۈشەتتى.

  گۈل دېڭىزى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، ئەتراپتىكى دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسىنى جانلاندۇردى. دېھقانلار ئارامگاھىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ھويلىدىكى گۈللەر ھەرخىل رەڭدە ئېچىلغان، ياپيېشىل، سۇس بىنەپشە رەڭلىك ئۈزۈملەر ھېقىققا ئوخشاش ئۈزۈم بارىڭىدا ئېسىلىپ، چىلان، نەشپۈتلەر شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، ھەرخىل كۆكتاتلارنى ھەر ۋاقىت ئۈزگىلى بولاتتى، توخۇلار مېۋىلىك دەرەخلەر ئاستىدا دانلاپ يۈرەتتى، خاس مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچاتتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يەنجى ناھىيەسى بېيداچۈ يېزىسى شىخاۋچۈ كەنتى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ۋە يېزىلىق پارتكوم، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكچىلىكىدە،  يېزا-كەنت ساياھىتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يەر ئوبوروت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 60 نەچچە مو يەرنى بىرىكتۈرۈپ، چېچەكلەش مەزگىلى نىسبەتەن ئۇزاق بولغان بەيرىساۋ، كېسان گۈلى، چۆل يالپۇزى تېرىدى ھەمدە ئەتلىك گۈل سەيلە باغچىسى ۋە مول سېلىنلىق كۆكتات ئۈزۈش باغچىسى بەرپا قىلدى. مەزكۇر كەنت گۈل دېڭىزىنىڭ ئەتراپىدا 33 نامرات ئائىلە ئۈچۈن يېپەك يولى ئىگىلىك تىكلەش ئۆتىڭى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى، مول سېلىنلىق نان بازىسى قۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى كەنت بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى