تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جۇ دەندەن فوتوسى، خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى خۇاڭخۇاگوۋ جىلغىسى ئون مىڭ مو ئاپتاپپەرەس فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ھەمدە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاپتاپپەرەستىن باشقا، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، كۇەيشەن مۇسابىقىسى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بويىچە پىيادە مېڭىش، ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى، مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، باغچە رايونىنىڭ خاس تەبىئىي بايلىقى ۋە چۆل مەنزىرىسى نامايان قىلىنىپ، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بەختلىك مەنزىرە نامايان قىلىندى.