تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۈردە شەرقىي جۇڭغارنى زامانىۋى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۈردە شەرقىي جۇڭغارنى زامانىۋى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

8- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى قىسمەن كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى نەق مەيداندا ھەل قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پۇختا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى نەق مەيداندا ھەل قىلدى.

شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئاساسلىقى شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكىنىڭ يىرىك پىلانىغا تايىنىپ قۇرۇلغان زامانىۋى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شەرقىي جۇڭغار ئېنېرگىيە سارىيىغا كېلىپ، شەرقىي جۇڭغار ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى ئەمەلىي قوللىنىش، يېڭى ماتېرىيال تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چوڭ تىپتىكى زامانىۋى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى كارخانىسى شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىغا كىرگەندە، قازان، مۇنارسىمان باكلار قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش بۆلۈمىدە كارخانا مەسئۇللىرى ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتى، تەننەرخنى كونترول قىلىش، كەسىپلەرنىڭ ئۇزارتىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ جايدىكى 2000دىن كۆپرەك كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلارغا ياردەم بېرىش بويىچە قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى تۇتۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىغا ئىش تېپىپ بېرىپ، پۇل تاپىدىغان ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

سانجى - گۇچۈەن 1100KV± ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئوخشاش تۈردىكى قۇرۇلۇشلار ئىچىدە ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمچانلىقى ئەڭ زور، ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار قۇرۇلۇش. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا كېلىپ، نەق مەيداندا تۈرنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش سۈرئىتى، سىناق تەرىقىسىدە ئايلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تولۇق تايىنىپ، ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى قىسمەن كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، بىر - بىرلەپ جاۋاب بېرىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۈردە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش، نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى دۆلەتنىڭ زامانىۋى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى. شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشنى چوڭقۇر تونۇش يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تەلىپى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تەلىپى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ تەلىپى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ تەلىپى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ تەلىپى. ئىككىنچىدىن، تەرەققىيات ئورنىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. ئېچىۋېتىشتە يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ كۆجۈملەشكەن تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ زەنجىرى ۋە كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىپ، بايلىق، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شەرقىي جۇڭغارنى زامانىۋى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەمدە سودىگەر چاقىرىش، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئېچىش، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇلۇش قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈمدە تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي جۇڭغارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېڭى موتور بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك. نىشان ئورنىنى بېكىتىش، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇھىم ئامىللارنىڭ تەقسىملىنىشى، يىرىك پىلان ئۇسۇلىنى ياخشى ئىگىلەپ، يېقىنقى مەزگىللىك يىرىك پىلاندا ۋاقىت چېكى ۋە نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاندا ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشقا پايدىلىق بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەمدە شەرقىي جۇڭغارنىڭ يىرىك پىلان لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بەشىنچىدىن، تىرىشىپ يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەرقىي جۇڭغارنىڭ مۇقىملىق، مۇھىت، يەر، ئىختىساسلىقلار، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شەرقىي جۇڭغارغا ماكانلىشىشقا، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ياخشى سىياسەت مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىگە بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەشكە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مېھىر - مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

شۈ خەيرۇڭ، پېڭ جيارۇي، جاۋ چىڭ، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.