تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] «توقسۇ مېنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئۆيۈم»

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر فېڭ لېي خەۋىرى): «يولدىن ئۆتكەندە ئاستىراق مېڭىڭ»، تۇنسايىم توقا سۆزلىگەچ شۇنداق تەبىئىيلا لى چۈنيۈنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىللە يولدىن ئۆتتى.

«بىلدىم، كىچىك بالا بولمىسام.» لى چۈنيۈ كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەچ ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتتى. ئىككىيلەن خۇددى ئانا-بالىغا ئوخشاش قول تۇتۇشۇپ ماڭدى.

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرىنىڭ كادىرى لى چۈنيۈ ئاتا-ئانىسى يۇرتى خېنەندىن ئەۋەتكەن يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتنى ئېلىپ يۇقارقى مەھەللە كەنتىگە كېلىپ تۇنسايىم  توقانى يوقلىدى.

پاراڭلىشىش ئارقىلىق، مۇخبىر لى چۈنيۈنىڭ بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەنلىكىنى، 2017-يىل 1-ئايدا ئىچئېرىق بازىرىغا كېلىپ خىزمەتكە چۈشكەنلىكىنى ئىگىلىدى.

«مەن كىتابلاردىن شىنجاڭنىڭ مېۋە-چىۋىلەرنىڭ خۇش ھىدىغا تولغان ياخشى جايلىقىنى بىلگەن ئىدىم، شۇڭا كىچىكىمدىن تارتىپلا شىنجاڭغا بولغان ئىنتىلىشىم تولۇپ تاشقان» دېدى لى چۈنيۈ. ئۇ يەنە مۇخبىرغا توقسۇغا كېلىپ ئۆزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى، ئەمما دەسلەپتە بىر ئاز يالغۇزلۇق تارتقانلىقىنى ئېيتتى.

لى چۈنيۈ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ھېچقانداق ئۇرۇق تۇغقان ۋە دوستلىرىم يوق، دەسلەپ كەلگەندە تازا كۆنەلمىدىم، شۇ چاغدا ھېلىمۇ ياخشى تۇنسايىم توقا ماڭا ھەمراھ بولدى.

كادىر بولۇش سالاھىيىتى بىلەن لى چۈنيۈ دائىم دېگۈدەك يۇقارقى مەھەللە كەنتىگە بېرىپ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگەللەيتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كەنت كومىتېتىنىڭ يېنىدا ئاشخانا ئاچىدىغان تۇنسايىم توقا بىلەن تونۇشۇپ قالدى.

«بىز كەنتكە بېرىپ خىزمەت قىلىدىغان چاغلىرىمىزدا، بەزىدە ئۇنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا چىقىشىپ كەتتۇق. ئۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىز مەن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش خىيالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم» دېدى لى چۈنيۈ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىيلەن 2017-يىل 3-ئايدا رەسمىي قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

«شۇ چاغدا ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولدى، كىمنى كۆرسە ئۇ مېنىڭ قىزىم دەپ تونۇشتۇراتتى» دېدى لى چۈنيۈ مۇخبىرغا. تۇنسايىم توقانىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇنى تەسىرلەندۈردى، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقاندىن كېيىن لى چۈنيۈ ئۇنى تۇتۇق ئانا دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

«مەن لى چۈنيۈگە بەك ھەۋەس قىلىمەن.» لى چۈنيۈ بىلەن توقسۇ ناھىيەسىگە بىللە خىزمەتكە چۈشكەن لى چياڭ مۇنداق دېدى: توقسۇغا دەسلەپ كەلگەندە بۇ يەر كۆپچىلىككە ناتونۇش ئىدى، ئەمما لى چۈنيۈنىڭ ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرىدىغان تۇتۇق ئانىسى بار بولدى.

«ئۇ مېنىڭ ئۆز قىزىم.» تۇنسايىم توقا ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ شۇنداق دېدى. بىر قېتىم ئاغرىپ قالغاندا ئۇ يىراق سەنيادىكى قىزىغا تېلېفون قىلغان ئىدى، قىزى پەقەت تېلېفوندا ئۇنىڭغا تەسەللىي قىلىپ، ئاپىسىغا پۇل ئەۋەتىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈشىنى تاپىلىدى. ئەمما لى چۈنيۈگە تېلېفون قىلىپ يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، لى چۈنيۈ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، دوختۇرنىغا ئاپىرىپ كېسىلىنى كۆرسىتىپ ئۇنى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.

«ئۇنىڭ شىنجاڭدا تۇتۇق ئانا تاپقانلىقىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن خېلى خاتىرجەم بولدۇق.» ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلگەندىن كېيىن، لى چۈنيۈنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە تۇنسايىم توقانىڭ قىزى مېھىرگۈل خېلىل ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى.

بۇ يىل 5-ئايدا، لى چۈنيۈ توقسۇدا توي قىلدى، تۇنسايىم توقا ئۇنىڭغا تۆت يوتقان، ئىككى ياستۇق تەييارلاپ بەردى. «تۇتۇق ئانامنىڭ تەييارلىغان سوۋغىتىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدىم» دېدى لى چۈنيۈ.

«توقسۇ مېنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئۆيۈم، تۇنسايىم توقا مېنىڭ ئۆز ئانام» دېدى لى چۈنيۈ.

(ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى