8-ئاينىڭ 2-كۈنى، كورلا لۇڭشەن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنى ئۆزگەرتىش تۈرىدىكى ئاساسىي لىنىيە كۆۋرۈكى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گۇڭ جيەن فوتوسى، خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ سۈپەت نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر كورلا لۇڭشەن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈردى. نۆۋەتتە، بۇ تۈر ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر قۇرۇلۇش مەيدانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يول، كۆۋرۈك ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن قۇرۇلۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە قىلىشنى، تەلەپنى قاتتىق قويۇپ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن رەسمىي قاتناش باشلاشنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
كورلا لۇڭشەن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنى ئۆزگەرتىش تۈرى كورلا شەھىرى بېكىتكەن «13-بەش يىللىق پىلان» نىڭ تۇنجى تۈركۈمىدىكى 30 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭغا 114 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇ تۈر شىمالدا G3012 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا، جەنۇبتا G218نىڭ كورلىدىن لوپنۇرغىچە بولغان بۆلىكىگە تۇتىشىدۇ، تۈر ئاساسىي لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.114 كىلومېتىر بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلىنىپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى 1-دەرىجىلىك يول ئۆلچىمى قوللىنىلدى. باغلىما يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4.411 كىلومېتىر بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 40 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەندى. بەش كۆۋرۈك سېلىش پىلانلاندى. نۆۋەتتە، بۇ تۈردىكى بەش كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، جەنۇب-شىمال يۆنىلىشىدە G3012 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بۈگۈردىن لوپنۇرغىچە بولغان يۆنىلىشىدە قاتناش باشلاندى، شەرق-غەرب يۆنىلىشىدە G314 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ لوپنۇردىن تاشدەنگىچە بولغان يۆنىلىشىدە ئاساسىي قەۋىتىنى سېمونت ئارقىلىق مۇقىملاش قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە، بۇ تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، 9-ئايدا قاتناش بىخەتەرلىكى، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق قوشۇمچە قۇرۇلۇشلار يولغا قويۇلىدۇ.