تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قۇم-بورانلىق ھاۋارايى ئازايدى، ياۋايى ھايۋانلار كۆپەيدى، مەكىت ناھىيەسى يەتتە يىلدا 340 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن فوتوسى، خەۋىرى): قۇم-بورانلىق ھاۋارايى ئازايدى، ياۋايى ھايۋانلار كۆپەيدى، مەكىت خەلقى يەتتە يىلدا 340 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدا يېشىل توسۇق بەرپا قىلدى.

  8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشكىللىگەن تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەكىت ناھىيەسىدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بويىچە مىليون مولۇق ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشى بازىسىغا كەلدى. بۇ يەردە قاتار كەتكەن ئېگىز تېرەكلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئورمانلىقتا قارىماققا سۆكسۆككە ئوخشاپ كېتىدىغان قۇملۇق مونچاققورىيى تىكىلگەن بولۇپ، قۇم-بوراننىڭ ھۇجۇمىنى مەھكەم توسۇپ تۇراتتى.

  مەكىت ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، ئۈچ تەرىپى قۇم بىلەن ئورالغان بولۇپ، قۇملۇق كۆلىمى ناھىيە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدۇ، قۇرغاق قۇرۇقلۇق كىلىماتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن روشەن، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 56.5 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2001.8 مىللىمېتىر بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز.

  2012-يىلى، مەكىت ناھىيەسى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بويىچە مىليون مولۇق ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، ھەر يىلى 30 مىڭ ~50 مىڭ مولۇق قۇرۇلۇش سۈرئىتى بىلەن، ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە بىر يېشىل توسۇق بەرپا قىلىپ، يەنە بىر پارچە ئېكولوگىيەلىك بوستانلىق بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.

  قۇرۇلۇش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، ھەر قېتىملىق ئەتىيازلىق، كۈزلۈك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش مەزگىلىدە، يېزا-بازارلاردىكى دېھقانلار قازان-قومۇچ، چېدىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ كۆچەت تىكىپ، قۇملۇقتا يېتىپ-قوپۇپ، قۇملۇقتا كۈرەش قىلىپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى.

   «يەتتە يىل كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، بىز تىككەن توغراق، جىگدە، جىغان، يۇلغۇن، سۆكسۆك قاتارلىقلار 180 مىليون تۈپتىن ئاشتى، 340 مىڭ مو يەر يېشىللاشتى» دېدى مەكىت ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يۈفېڭ.

   مەكىت ناھىيەسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بويىچە مىليون مولۇق ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش  بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، 80 نەچچە نامرات ئاھالىنى ئېكولوگىيە ئورمىنىنى قوغداشقا قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھەر بىر ئاھالىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 40 مىڭ يۈەندەك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : پولات ئەزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش