تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۆكتوقاي ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى «ئېرتىش دەرياسى 1-كەنتى» گە ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچى بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: تاراتى كەنتى كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرىنىڭ شەرقىدىن يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا بولۇپ، 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيەلىك باغچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئارىلىپ تۇرىدۇ، بۇ يەرنىڭ «ئېرتىش دەرياسى 1-كەنتى» دېگەن گۈزەل نامى بار، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى»، دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن، تەبىئىي ئېكولوگىيە ئاساسى ياخشى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق.

  «ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى <ساياھەت تامىقى> يىيەلەيدىغان بولدى، پۇقراۋى تۇرالغۇ تىجارىتى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، قارىقات مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى جېڭ دۇڭچيەن.

  (ماقالىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن نۇراش سىراش، جانپولات داۋلەت تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى