تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تۆت پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، بەخت گۈلىڭىزنى ئېچىلدۇرۇڭ

  ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەپ، توي قىلىش نىسبىتىنىڭ يىلدىن يىلغا تۆۋەنلىشىشى، ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا ئېرىنىشى، قىزلارنىڭ تويغا ئالدىرىماسلىقىدەك ھېسسىيات مەسىلىلىرىدە، تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغاندا، ھېسسىيات مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن

  بىرىنچى، سادىق بولۇش ئەمما تايىنىۋالماسلىق. مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا ياكى تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن جۈپتىگە سادىق بولۇش، شاختىن شاخقا قونۇپ يۈرمەسلىك، فىزىيولوگىيەلىك غىدىقلاشنى قارىغۇلارچە قوغلاشماسلىق كېرەك، بۇ ئوت بىلەن ئويناشقانلىق بولۇپ، ئادەمنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. بىراق ھېسسىيات جەھەتتە قارشى تەرەپكە بەك تايىنىۋالماسلىق كېرەك، قارشى تەرەپنى بارلىق كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەنبە، ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ بىردىنبىر تىرىكى دەپ بىلگەندە، قارشى تەرەپتىن كۈتىدىغان ئۈمىد بەك چوڭ بولۇپ كېتىپ، كۆڭۈل ئاغرىقى كۆپ يۈزبېرىدۇ. ئۆز ھاياتى ۋە بەختىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى قامداش ئەڭ دانا ئۇسۇلدۇر.

  ئىككىنچى، پىشىپ يېتىلىش، قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىق. قارشى تەرەپنىڭ دائىم ئۆزىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشىنى ئۈمىد قىلىش، قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھەممىسى ئەخمىقانىلىق، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. دىققەتنى ئۆزىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك، ئادەم قانچە پىشىپ يېتىلگەنسېرى، كۆكسى-قارنى شۇنچە كەڭ، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىۋېلىش ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى خالىماي ئەكسىچە باشقىلارغا تەلەپنى يۇقىرى قويۇۋالغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئادىل بولمايدۇ.

  ئۈچىنچى، مۇستەقىل بولۇش، شەخسىيەتچى بولماسلىق. ئىناق مۇناسىۋەتنى ساقلاشتا، قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆزى بولۇشىغا يول قويۇش كېرەك، ياردەم قىلالمىسا ھېچقىسى يوق، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆزى بولۇشىغا دەخلى قىلماسلىق، توسقۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك.

  تۆتىنچى، ئەڭ تۆۋەن چەكنى بەلگىلەيدىغان ئىشەنچ بولۇش. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن، يەڭگىللىك بىلەن ئايرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، ئاقىۋەتنى ئوبدان ئويلىشىپ، مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلاشمۇ ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ئىقتىدارسىز بولسا، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولالمىسا، ھېسسىياتنىڭ تۆۋەن چېكى بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ.

جۇڭگو خانىم-قىزلار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى