تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

گۈزەللىكىنى سۆيىدىغان قىزلار سەمىگە! پاشنىسى تۆت سانتىمېتىردىن ئېگىز ئاياغ كىيمەڭ

  ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، ئاياللارنىڭ بەدەن شەكلى گۈزەل كۆرۈنۈپلا قالماي، يەنە ناھايىتى سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بەدەنگە يەنە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئالدى بىلەن، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە ئادەم بەدىنى ئالدىغا سەل ئېگىلگەن بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئېغىرلىق پۇت ئالقىنىغا چۈشۈپ، پۇت بارماقلىرىغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ ھەمدە پۇتنى ئەركىن قويۇۋەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ھالەت ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا پۇت بارماق بوغۇمىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاياغنىڭ ئۇچى بەك ئۇچلۇق بولسا، پۇتنىڭ باش بارمىقىنى قىستاپ قاداق پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا تەرەققىي قىلىپ باش بارمىقى سىرتقا ئۆرۈلۈپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئايلىنىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە پۇت ئالقىنى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، داس سۆڭىكى ئالدىغا قىيسىيىپ، نورمال ئېغىرلىق كۈچى يەتكۈزۈش ئېغىرلىق سىزىقى بۇزۇلىدۇ ھەمدە تىز ۋە بەل قىسمىنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تىز بوغۇمى كۆمۈرچىكىنىڭ ئۇپرىشى، تىز بوغۇمى كېسىلى ۋە بەل مۇسكۇلى زەخىملىنىش كېلىپ چىقىدۇ ۋە ئېغىرلىشىدۇ. بەل مۇسكۇلى زورۇقۇش سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش ۋە ئېلاستىكىلىق تۆۋەنلەش قاتارلىق چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشىنى تېزلىتىدۇ، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش كېسىلى مۇشۇنىڭدىن باشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى