تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالتاي: ئاپتاپپەرەس گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر تاڭ شياۋبو فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى شەمىرشەك بازىرى دۆلەت يولى 216-لىنىيەسى يېنىدىكى ئاپتاپپەرەسلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە. ھەر يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئاپتاپپەرەسلەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، دۆلەت يولى 216-لىنىيەسى، 217-لىنىيەسى بويىدا ئالتۇن رەڭلىك گۈل دېڭىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گۈل دېڭىزىنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ. ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئاپتاپپەرەس ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، بۇ يىل، ئالتاي ۋىلايىتى 895 مىڭ 300 مو يەرگە ئاپتاپپەرەس تېرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە مايلىق ئاپتاپپەرەس 287 مىڭ 800 مو، يېمەكلىك قىلىنىدىغان ئاپتاپپەرەس 607 مىڭ 500 مو. يەرلىك ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىك تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خاس كەسپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، گازىرچىلىقنى چوڭ كەسپكە ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى