تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شياڭگاڭ ساقچى تەرەپنىڭ قانۇننى كەسكىن، ئادىل ئىجرا قىلىپ زوراۋانلىقنى توسۇشىنى قەتئىي قوللايمىز

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

قانۇن چىقىرىش كېڭىشى، شياڭگاڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئالاقە ئىشخانىسىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشتىن ساقچى مەھكىمىسىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىش، پارتلىتىش بۇيۇملىرى قاتارلىق زوراۋانلىق قوراللىرىنى ياساشقىچە، شياڭگاڭدا يېقىنقى مەزگىلدە زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، شياڭگاڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق كىشىلەرنى قاتتىق ئېچىندۇردى. شياڭگاڭدىكى نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش شياڭگاڭ ساقچى تەرەپنىڭ قانۇننى كەسكىن، ئادىل ئىجرا قىلىپ زوراۋانلىقنى توسۇشىنى قەتئىي قوللاپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ياخشى قانۇنچىللىقىنى قوغداش.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شياڭگاڭدىكى ئۆكتىچىلەر ۋە رادىكال زوراۋان ئۇنسۇرلار قەستەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، تىنچ كۈچ كۆرسىتىش دائىرىسىدىن پۈتۈنلەي ھالقىپ، دەۋا تەلىپى يولىدىن چەتنەپ، ۋەقەنىڭ ئۆزىنى بۇرمىلىدى. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇ ئىش «قاچقۇن جىنايەتچىلەر نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، لېكىن ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى بۇ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشنى بۇرۇنلا جاكارلىغان، مۇناسىپ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ پۈتۈنلەي توختىتىلغان. ھالبۇكى، رادىكال زوراۋان ئۇنسۇرلار قەدىمىنى توختاتمايلا قالماي، يەنە بارغانسېرى ھەددىدىن ئاشتى. ئۇلار شياڭگاڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئالاقە ئىشخانىسىنى قورشاپ توسۇۋالدى، دۆلەت گېربىگە داغ تەكگۈزۈپ زىيان يەتكۈزدى، ساقچى مەھكىمىسىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، ساقچىلارنى قاتتىق ئۇردى، دۆلەت بايرىقىنى ھاقارەتلىدى، ھەتتا قانۇنسىز نامايىش - يىغىلىشلاردا «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» شوئارىنى توۋلاپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىقىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە چېقىلدى. تۈرلۈك ئالامەتلەردىن مەلۇم بولدىكى، رادىكال زوراۋان ئۇنسۇرلارنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەرگىزمۇ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇش دەۋا تەلىپى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۈپ مەقسىتى شياڭگاڭنى مالىمان قىلىش، شياڭگاڭنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرۈش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى ۋەيران قىلىش.

ھەرقانداق مەدەنىي ۋە قانۇنچىل جەمئىيەت زوراۋانلىق - مۇتتەھەملىككە تاقەت قىلىپ تۇرمايدۇ. بىز شۇنى كۆردۇقكى، پۈتكۈل ۋەقەنىڭ يامراش جەريانىدا، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شياڭگاڭ ساقچى تەرەپ غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بەردى. شياڭگاڭ جەمئىيىتىدىكى تىنچ نامايىش، يىغىلىشلارغا قارىتا، ئالاھىدە رايون ساقچى تەرەپ ئىزچىل قانۇن بويىچە تەستىقلىدى ھەم زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. ھالبۇكى، رادىكال زوراۋان ئۇنسۇرلار تىنچ نامايىشنى نىقاب قىلىپ، ھەر قېتىم قانۇنچىللىق تۆۋەن چېكىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، خىش، تۆمۈر چىۋىق، ھەتتا بېنزىن بومبا بىلەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى، زەھەرلىك، زىيانلىق سۇيۇقلۇق، پاراشوك بىلەن ساقچىلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى، ھەتتا ساقچىلارنىڭ بارمىقىنى چىشلەپ ئۈزۈۋەتتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ قەبىھلىكى كىشىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ. ئۇلار يەنە ساقچىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش كەيپىياتىنى قۇترىتىپ، ساقچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئالا قويماي ئىزدەپ چىقىپ، ساقچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى زەھەرخەندىلىك بىلەن ھاقارەتلىدى. ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە يەتكۈچە ئازاب چېكىۋاتقان ئەھۋالدا، شياڭگاڭ ساقچى ئەترىتىدىكىلەر يەنىلا ئىش ئورنىنى چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھېچنېمىدىن قورقماي، ئاھانەتكە چىداپ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، كىشىنى قايىل قىلدى، ئۇلارنىڭ كەسپىي روھى شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تەرىپلىشىگە ئەرزىيدۇ.

زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش قىلمىشى شياڭگاڭ ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىقى، جەمئىيەت تەرتىپى، ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشى ۋە خەلقئارا ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. پارچە سېتىش كەسپى ھەممىدىن بۇرۇن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تىجارەت سوممىسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. كىشىلەرنىڭ تەشۋىشلەنگىنى، ئەگەر زوراۋانلىق قىلمىشى يەنە داۋاملاشسا، قانۇنچىللىق ئاساسى، تىجارەت - سودا مۇھىتى، جەمئىيەت تەرتىپى قاتارلىق شياڭگاڭ ئىقتىسادىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىدىكى ئاساس مۇقەررەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، زوراۋانلىقنى ئۈنۈملۈك توسۇشتا، پەقەت شياڭگاڭ ساقچى تەرەپنىڭ تەنھا كۈرەش قىلىشىغىلا تايىنىشقا بولمايدۇ. شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ ھەممىسى تولۇق ھەرىكەتكە كېلىپ، بايرىقى روشەن ھالدا زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشى، زوراۋانلىقنى توسۇشى كېرەك.

كەڭ شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، رادىكال زوراۋان ئۇنسۇرلارغا قەتئىي «ياق» دېيىشىنى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى ۋەيران قىلىشقا، شياڭگاڭنى مالىمان قىلىشقا، شياڭگاڭنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان كۈچلەرگە قەتئىي «ياق» دېيىشىنى، ئۇلارنىڭ شياڭگاڭغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان قىلمىشىنى قەتئىي توسۇپ، شياڭگاڭ ساقچى تەرەپنىڭ قانۇننى كەسكىن، ئادىل ئىجرا قىلىپ زوراۋانلىقنى توسۇشىنى قەتئىي قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ شياڭگاڭى. شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى 7 مىليوندىن ئارتۇق شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركىزىي ھۆكۈمەت شياڭگاڭنىڭ ساقچى تەرەپ، ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئەدلىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ زوراۋانلىق، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، زوراۋان جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى