تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئۇلۇنگۇر كۆلىدە بېلىق تۇتۇش: بېلىقچىلار مول ھوسۇلدىن شادلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 06:00لەردە، تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا، تۆت ئاي جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇنگۇر كۆلى بۆلەكچىلا قىزىپ كەتتى، ئون نەچچە بېلىقچىلار كېمىسى ئارقا-ئارقىدىن كۆلگە چۈشۈپ، بۇ يىل يازدىكى تۇنجى بېلىق تۇتۇش مەشغۇلاتىنى باشلىدى. بېلىق تۇتۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئالتە توننىغا يېقىن بېلىق تور بىلەن كۆل يۈزىگە چىقىپ، ئاۋۋالقى يىللاردىكى بېلىق تۇتۇش تۇنجى كۈنىدىكىدىن %10 ئېشىپ، بېلىقچىلار «مول ھوسۇل يىلى»نى ئالقىشلىدى.

  8-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە تۆت ئاي داۋاملاشقان بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلى 8-ئايدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئون چوڭ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى بولغان ئۇلۇنگۇر كۆلى بۇ يىل يازدىكى تۇنجى قېتىملىق بېلىق تۇتۇش مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان.

  ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ كۆلىمى 100 مىڭ گېكتارغا يېقىن بولۇپ، مول بېلىق بايلىقى سوغۇق سۇ بېلىقى ۋە ئىككىلەمچى سوغۇق سۇ بېلىقىنى ئاساس قىلىدۇ، 2018-يىل بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى سودا ئومۇمىي مىقدارى 9630 توننىغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سۈزۈپ ئېلىنغان مەھسۇلات مىقدارى 4280 توننا بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 253 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بېلىقچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 18 مىڭ 500 يۈەن بولغان.

  8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 06:00 لەردە، شۇ جايدىكى بېلىق تۇتۇش ئەترىتى بېلىقچىلىق كېمىلىرىدە بېلىق تۇتۇشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

  بېلىقچى جاۋ يۇۋلى بۇ بېلىق تۇتۇش ئەترىتىنىڭ «بېلىقچى ئاتامانى» بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بېلىقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. «تۇنجى كۈنى توردىن چىققان بېلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ ھەم يوغان، سۇ دائىرىسى ياخشى بولغاچقا، بۇ يىلقى ھوسۇل ناھايىتى ياخشى بولدى.» دېدى جاۋ يۇۋلى. كۆلدە بېلىق تۇتۇش باشلانغاندىن كېيىن، ناچار ھاۋا رايى شارائىتىدىن سىرت چاغلاردا تاكى كۆل يۈزىنى مۇز تۇتقىچە بېلىقچىلار كۈندە دېگۈدەك بېلىق تۇتۇلايدىكەن.

  جاۋ يۇۋلى ئۆتمۈشنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى كۆلنىڭ بېلىقچىلىق خىزمىتىنى كارخانا ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن بېلىقچىلار بىردىنلا بېلىقچىلىق كارخانىسى (بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركىتى)نىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ قالدى، تۇتۇلغان بېلىقلارنى كارخانىنىڭ سېتىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز، شۇنداق قىلىپ كۆپچىلىك ئىش ھەققى بار يېڭى بېلىقچىغا ئايلاندۇق، دېدى ئۇلار.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن فۇخەينىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە بۇ شىركەتنىڭ ئۈچ بېلىق تۇتۇش ئەترىتى بار بولۇپ، بۇ شىركەتتىكى 29 بېلىقچىنىڭ بېلىق تۇتۇش تەجرىبىسى مول ئىكەن، تۇتۇپ كېلىنگەن بېلىقلار تاللاپ رەتلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدىكىلەرگە ئوخشاش بولمىغان ھەق تۆلىنىپ، ئاندىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدىكەن، بۇرۇلتوقاي بېلىقىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، شۇ جايدا تىرىك ۋە يېڭى بېلىق سېتىش دۇكانلىرى، ئاشپۇزۇللار ناھىيە بازىرىنىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە تەكشى تارقىلىپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچى ئالايىتەن بېلىق يېگىلى بۇرۇلتوقايغا كېلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئالتاي ۋىلايىتى «بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش بۇيرۇقى»نى يولغا قويغان 15-يىل بولۇپ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ئالتاي ۋىلايىتى بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مۇددىتىنى تۆت ئايغا ئۇزارتقان ھەمدە ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلنى ئۇلۇنگۇر كۆلىدە بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلى قىلىپ بېكىتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەريا بېلىقلىرى بايلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بېلىقچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەر يىلى ئۇلۇنگۇر كۆلىگە نەچچە مىليون بېلىجان قويۇپ بېرىپ، ياۋايى بېلىق تۈر توپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بەرگەن.

  بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جاۋ ئەنشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش تۈزۈمىنى كۆپ يىل ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ھازىر ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كېلىپ، بېلىق سانى، ئۆلچىمى ئاشتى، بولۇپمۇ كۆل رايونىدىكى يەرلىك بېلىق بايلىقى قوغدالدى. «بېلىق تۇتۇش باشلانغاندىن كېيىن، بىز يەنىلا كۆل رايونىدىكى كارخانىلارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، كۆپەيتىپ قويۇپ بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، بېلىق تۇتۇش مىقدارىنى بېكىتىپ، بېلىق تۇتۇش تورىنىڭ ئۆلچىمىنى كونترول قىلىپ، چوڭ بېلىقلارنى تۇتۇپ، كىچىك بېلىقلارنى قويۇپ بېرىپ، بېلىقچىلىق بايلىقىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى