تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

روھىي بېسىم ئېغىر بولسا، ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىدۇ

  نۇرغۇن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە نىسبەتەن، روھىي بېسىمى ئېغىر بولۇش ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان خەۋپ ئامىلى. يېقىندا، ئامېرىكا ئارىزونا داشۆسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ياخشى بولمىغان كىشىلىك، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي بېسىم ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئاياللاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قىسىم ئىجتىمائىي روھىي بېسىم ئامىللىرى، مەسىلەن: تۇرمۇشتىكى مۇھىم جىددىي ئىشلار، ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، تۇرمۇشتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار سۆڭەكنىڭ سۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ قېتىمقى يېڭى تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار 11 مىڭ ھەيز توختىغان ئايالنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى، جۈملىدىن سۆڭەك شالاڭلىشىشقا ئالاقىدار ئۇچۇر، ئىجتىمائىي بېسىم، جەمئىيەتنىڭ قولللىشى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىدار جەھەتتىكى ئۇچۇرلىرىنى باھالاپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئىجتىمائىي بېسىم» پاسسىپ ئىجتىمائىي تەسىر ۋە مۇناسىۋەتنى ئۆلچەيدۇ، «ئىجتىمائىي قوللاش» ئاكتىپ مۇناسىۋەتنى ئۆلچەيدۇ، «ئىجتىمائىي ئىقتىدار» بولسا ئىجتىمائىي پائالىيەتنىڭ چەكلىمىلىكىنى ئۆلچەيدۇ.

  تەتقىقاتچىلار بۇ ئۈچ خىل ئىجتىمائىي سېزىمچانلىق كۆرسەتكۈچى بىلەن سۆڭەك زىچلىقىنىڭ ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، يۇقىرى ئىجتىمائىي بېسىم بىلەن سۆڭەك زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى بايقىدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي بېسىمنىڭ يۇقىرىلىقى پۈتۈن يانپاش بوغۇمى، بەل ئومۇرتقىسى (تۆۋەنكى ئومۇرتقىسى) ۋە يوتا سۆڭەك بوينىنىڭ سۆڭەك زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئىجتىمائىي ئىقتىدارى پۈتۈن يانپاش بوغۇمى ۋە يوتا سۆڭەك بوينى سۆڭەك شالاڭلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ياش، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى، ھازىرقى كېسەللىك، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى (B M I)، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ھورمۇن بىلەن داۋالاش، ھەيز توختاش يېشى، جىسمانىي ھەرىكەت ۋە 55 ياشتىن كېيىنكى سۇنۇق كېسەللىك تارىخى قاتارلىق يوشۇرۇن تەسىر ئامىللىرىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئامىللار يەنىلا مەۋجۇت.

  «تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە مەھەللە ساغلاملىقى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا، پىسخىكىلىق سېزىمچانلىق ھورمۇن سەۋىيەسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، جۈملىدىن كورتىكوستېرول، ئۆستۈرگۈچى ھورمون ۋە شېكەر پوستلاق ھورمۇنى ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن، دەپ قارالدى. ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئاياللار تېخىمۇ ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئۇنىڭ بەدەنگە بولغان سەلبىي تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى