تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارغا ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

   ياز پەسلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا، بوۋاقلار كۆپ تەرلەيدۇ، تەرنى ۋاقتىدا سۈرتمىسە، تەر سۇيۇقلۇقى تەر بېزىنى توسۇۋېلىپ، ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز:

  ئازادە كىيىملەرنى تاللاش

  تەر سۈمۈرەلەيدىغان، يۇمشاق، ساپ پاختا كىيىملەرنى تاللاش، پاسون جەھەتتە يەڭ ۋە ياقىسى چىڭ كىيىملەردىن ساقلىنىش، ياقىسى كەڭ كىيىملەر ياز پەسلىدە بوۋاقلارغا ئەڭ ماس كېلىدۇ.

  تېرىنىڭ پاكىز ۋە قۇرغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش

  مەيلى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن بولسۇن ياكى ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن بولسۇن، بوۋاقنىڭ تەرلىرىنى سۈرتۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، چۈنكى تەر بار جايغا ئەڭ ئاسان ئىسسىقلىق ئۆرلەيدۇ.

  ئۆي ئىچى سالقىن بولۇش

  ھاۋا تەڭشىگۈچ، شامالدۇرغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش لازىم، لېكىن سوغۇق شامالنىڭ بالىغا بىۋاسىتە تېگىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئۆي ئىچى سالقىن بولسا، بوۋاقلارنىڭ تەرلىشىنى ئازايتىپ، ئىسسىقلىق ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئىلمان سۇدا يۇيۇندۇرۇش

  ئىسسىق سۇدا يۇيۇندۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 34 سېلسىيە گىرادۇستىن 36 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولسا بولىدۇ، يۇيۇنۇش ۋاقتىنى بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە كونترول قىلىش كېرەك. ئامال بار سوپۇن، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەي، بوۋاقلار تېرىسىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك.

  شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش

  نەم كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن پاكىز لۆڭگە بىلەن بوۋاقنى سۈرتۈش، بولۇپمۇ بويۇننىڭ ئاستى، قولتۇق، پاقالچاق قاتارلىق ئورۇنلارغا دىققەت قىلىش كېرەك .

  ئىسسىقلىق ئۇپىسىنى توغرا ئىشلىتىش

  ئىسسىقلىق ئۇپىسى ئىسسىقلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، لېكىن ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىنتايىن مۇھىم. ئىسسىقلىق ئۇپىسىنى چوقۇم قۇرغاق تېرىگە سۈركىسە، ئاندىن ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ، بوۋاق بەدىنىدىكى تېرىسى قاتلاشقان جايلارغا سۈركىسە بولىدۇ.

  چوڭلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت تېرە ئارقىلىق ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش

  تېخى ئايىغى چىقمىغان بالىلاغا نىسبەتەن، ئاتا -ئانىلار كۈن بويى كۆتۈرۈۋالماسلىقى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى لۆڭگىنى بالىنىڭ ساغرىسىغا قويۇپ، تېرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك .

  يېمەك - ئىچمەك مايسىزراق بولۇشى كېرەك

  بوۋاقلارغا كۆپرەك سۇ بېرىش، يەنە تاۋۇز شەربىتى، ماش شورپىسى، دوڭگۇا شورپىسى قاتارلىق سوغۇق يېمەكلىكلەرنى بەرسىمۇ بولىدۇ. بوۋاقلارغا چىڭسەي ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈش لازىم، بۇنداق قىلغاندا ئىسسىقنى پەسەيتىپ، سۇ ۋە ۋىتامىن تولۇقلىغىلى بولىدۇ .

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى