تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يېمەك-ئىچمەكتە «ئۈچنى ئاز، ئۈچنى كۆپ» يېگەندە ئاسانلا كالتسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ

  بۈگۈنكى كۈندە كالتسىي تولۇقلاش كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. بازاردا ھەر خىل كالتسىي تولۇقلايدىغان مەھسۇتلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇرغۇن يېمەكلىكلەر يۇقىرى كالىتسىيلىق دەپ سېتىلماقتا. ئەمەلىيەتتە، يېمەك-ئىچمەكتە «ئۈچنى ئاز، ئۈچنى كۆپ» يېگەندە، ئاسانلا كالتسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

  گۆشنى ئاز يېيىش.

   تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاقسىل كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق ئىكەن. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىدىغان چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى گۆشى مىقدارىنىڭ 75 ~ 50 گىرامغىچە بولۇشى تەۋسيە قىلىنىدۇ.

  تۇزنى ئاز يېيىش.

  تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، سۈيدۈكتىن چىققان كالتسىينىڭ مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدىكەن، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلىشىمۇ شۇنچە ناچار بولىدىكەن. كۈندىلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. 

  ھاراقنى ئاز ئىچىش.

  تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نورمىدىن ئارتۇق ھاراق ئىچىش جىگەر ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ۋىتامىن Dنىڭ ئالمىشىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسىز ئىكەن.

  مۇشۇ ئاساستا، يېمەك-ئىچمەكتە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

  1. يېشىل يوپۇرماقلىق سەيلەرنى كۆپ يېيىش.

  نۇرغۇن يېشىل يوپۇرماقلىق سەيلەرنىڭ تەركىبىدە كالتسىي بار. مەسىلەن: شياۋبەسەي، شىلەنخۇا، يوۋسەي، شىڭسەي، لۈيېسەي قاتارلىقلار.

  2. سۈتنى كۆپ ئىچىش.

  سۈت تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدە كالتسىي كۆپ بولۇپلا قالماستىن، ۋىتامىن Dمۇ كۆپ.

  3. پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر.

  دۇفۇ قەلەمچىسى، قۇرۇتۇلغان دۇفۇ قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كالتسىي ئۇيۇتقۇچى ماددا بار بولۇپ، كالتسىينىڭ ياخشى مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى