تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

لۈ خۇيخۇي ئاسىيا رېكورتىنى يەنە يېڭىلىدى شيې جېنيې سۇ بىڭتيەننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى

  بېيجىڭ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 2- كۈنى، 2019 دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى شېنياڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بىر ئاي بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن كېيىن بۇ جايدا يەنە كەسكىن مۇسابىقىلەر ئېلىپ بېرىلدى، سۇ بىڭتيەن، شيې جېنيې، شيې ۋېنجۈن قاتارلىق ماھىرلاردىن تەشكىللەنگەن قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش كوماندىسى ياۋروپادىن قايتىپ كېلىپ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى تېخىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى.

  بىراق، ئالدى بىلەن تارقالغان كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەر يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىن تارقالمىدى، بەلكى، ئەزەلدىن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان ئاياللار ئېتىش تۈرىنىڭ بىرى بولغان نەيزە ئېتىش مۇسابىقىسى بولدى. تەخمىنەن بىر ئاي ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، لۈ خۇيخۇي شېنياڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە تۆتىنچى قېتىملىق نەيزە ئېتىشتە 67.83 مېتىرغا ئېتىپ، ئۆزىنىڭ 4- ئايدا ياراتقان 67.72 مېتىرلىق ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىغانىدى. بۇ قېتىلىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە، ئۇ 67.98 مېتىرغا ئېتىپ، بۇ يىل ئۈچىنچى قېتىم ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىدى.

  مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئەرلەر 110 مېتىرغا توسۇق ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە شيې ۋېنجۈن 13 سېكۇنت 43 دەقىقىلىك نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى، زېڭ جيەنخاڭ 13 سېكۇنت 54 دەقىقىلىك نەتىجىدە ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.

  تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مۇسابىقە كۈنىدە، شيې ۋېنجۈن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، شيې جېنيې بۇ قېتىمقى بىرىنچى تۈر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى — ئەرلەر 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنى كۈتۈۋالدى. نەتىجىدە شيې جېنيې 10 سېكۇنت 3 دەقىقىلىك نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، سۇ بىڭتيەن 10 سېكۇنت 19 دەقىقىلىك نەتىجىدە ئىككىنچى بولدى، سۇ بىڭتيەنگە يېتىشىۋالغىلى ئاز قالغان شۈ جوۋجېڭ 0.01 دەقىقە كەينىدە قېلىشتەك نەتىجىدە ئۈچىنچى بولدى.

  ئاياللار 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە لياڭ شياۋجىڭ ۋېي يۇڭلى بىلەن گې مەنچىنى يېڭىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. بىراق، ۋېي يۇڭلى بىلەن گې مەنچى ئاللىبۇرۇن دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ بولغان ئىدى، لياڭ شياۋجىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  8- ئاينىڭ 2- كۈنىدىكى مۇسابىقە كۈنىدىكى ئەرلەر يىراققا سەكرەش مۇسابىقىسىدە، ۋاڭ جيانەن 8.18 مېتىرغا سەكرەپ چېمپىيون بولدى، جاڭ ياۋگۇاڭ 8.01 مېتىرغا سەكرەپ ئىككىنچى بولدى، خۇاڭ چاڭجوۋ 7.99 مېتىرغا سەكرەپ ئۈچىنچى بولدى.

  يۇقىرىقى تۈرلەردىن باشقا، 2019 دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مۇسابىقە كۈنىدە يەنە كۆپ مۇسابىقە تۈرىنىڭ چېمپىيونى بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق ماھىر گۇڭ لىجياۋ 19.16 مېتىرلىق نەتىجە بىلەن چىمپىيون بولدى، گۇاڭدۇڭ ماھىرى خۇاڭ بوكەي ئەرلەر خادىغا تايىنىپ ئېگىزگە سەكرەش مۇسابىقىسىدە 5.71 مېتىرغا سەكرەشتەك نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى، بۇ نەتىجە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۆلچىمىگە يەتتى ھەمدە شۇ كۈندىكى مۇسابىقىدە بىردىنبىر يېڭىدىن دۇڭجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىكە ئېرىشكەن ماھىر بولۇپ قالدى. ۋۇ يۈئاڭ بىلەن مو جياديې ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەرلەر، ئاياللار 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ چېمپىيونى بولدى، دەي يىرۇ ئاياللار 100 مېتىرغا توسۇق ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە 0.01 سېكۇنتلۇق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئوتتۇرا، ئۇزۇن مۇساپىلىك مۇسابىقىدە، زۇڭ چىڭخۇا ئەرلەرنىڭ 1500 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىنىڭ ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشتى، ئاياللار 5000 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدە يۈننەن ماھىرى جاڭ دېشۈن چېمپىيون بولدى. يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىدە، ليۇ چىجېن 80.73 مېتىرلىق نەتىجىدە ئەرلەر نەيزە ئېتىش تۈرىنىڭ چېمپىيونى بولدى، لۇ مىنجيا ئاياللار يىراققا سەكرەش تۈرىدە 6.32 مېتىرلىق نەتىجىدە چېمپىيون بولدى، ليۇ جىڭيى ئاياللار ئېگىزگە سەكرەش تۈرىدە 1.84 مېتىرلىق نەتىجىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، شۇ كۈنى ئەڭ بالدۇر ئېلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ساھىبخان ماھىر ۋاڭ شىجۇ 68.78 مېتىرلىق نەتىجىدە ئەرلەر زەنجىرلىك توپ تۈرىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى