تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن 11نى تاقىدى ۋە ئىشتىن توختاتتى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خەۋىرى. مۇخبىر يۈ شىننىڭ 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە: ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆت كارخانىنىڭ ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ 50 مىڭ كىلوۋاتلىق ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن 11 گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تاقالغان ھەمدە ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنە ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ چۇۋۇۋېتىش خىزمىتى تاماملانغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى 50 مىڭ كىلوۋاتلىق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئاساسىدا، بۇلتۇردىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت كارخانىنىڭ ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان جەمئىي 206 مىڭ كىلوۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى تاقاپ ۋە ئاچقۇچلۇق نۇقتىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ چۇۋۇپ تاشلاپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىدى.

  7-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىر جۇڭگو نېفىت تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ تېرمو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا، بۇ زاۋۇتنىڭ 25 مېگاۋاتلىق كۆمۈر يېقىلغۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن ئىككىسىنىڭ چۇۋۇۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى