جىلىن شەھىرى ۋەنچاڭ بازىرى قىزىل ئەتلىك مۇگۇا سانائەت باغچىسىدا، ساياھەتچىلەر يان تېلېفونى ئارقىلىق پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن شياڭجياۋلارنى سۈرەتكە تارتماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: تومۇز ياز ئايلىرىدا، جىلىن شەھىرىگە جايلاشقان ۋەنچاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات باشلامچى رايونىدىكى كۆز يەتكۈسىز ياپيېشىل شال دولقۇنى كىشىگە خۇددى يايلاق قوينىدا تۇرغاندەك ھېسيات ئاتا قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىلىن دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلات «ۋەنچاڭ گۈرۈچى»گە تايىنىپ، ۋەنچاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات باشلامچى رايونىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ يەر بۈگۈنكى كۈندە جىلىننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى كۆزىتىشتىكى ئەينەك بولۇپ قالدى.
(شۈ چاڭ فوتوسى)
جىلىن ۋەنچاڭ بازىرىدىكى شال ئېتىزى مەنزىرىسى (2018-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچقۇچىسز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
جىلىن شەھىرى ۋەنچاڭ بازىرى جاڭچۈەن ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى ماشىنا ئىسكىلاتىدا سۈرەتكە تارتىلغان يېزا ئىگىلىك ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى (7-ئاينىڭ 16-كۈنى فوتوسى).
جىلىن شەھىرى ۋەنچاڭ بازىرى يۈفېڭ گۈرۈچچىلىك شىركىتىدە سۈرەتكە تارتىلغان گۈرۈچ پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى (7-ئاينىڭ 16-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).