تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەمەن، زەنجىۋىل قوشۇپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئاياللاردىكى ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى پەسەيتىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت: ئەمەن 

  ئەمەن تىۋىتلىق ياستۇق. تەييارلىنىش ئۇسۇلى: ئەمەن يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، شامالغا سېلىپ قۇرۇتۇپ، ئۇۋۇلاپ تىۋىت قىلىپ، پاكىز، زىچ پاختا رەختتىن تىكىلگەن ياستۇق ئۆزىكىگە قاچىلاپ، ئاندىن ياستۇق قېپى قاپلاپ قويساقلا بولىدۇ.

  شىپالىق رولى: مېڭىنى سەگىتىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ، سوغۇق ھۆللۈك كەلتۈرۈپ چىقارغان باش ئاغرىش، باش ئېغىرلاشقا قارىتا ئۈنۈمى ياخشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشىلايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت: ئەمەن سىبا

  ئەمەن سىبا (ئەمەندىن تەييارلانغان پىرەنىك). تەييارلىنىش ئۇسۇلى: يېڭى ئەمەن يوپۇرمىقىدىن 100 گىرام، نومى گۈرۈچ تالقىنىدىن 200 گىرام، پۇرچاق قىيمىسىدىن 200 گىرام، شېكەردىن 50 گىرام، يېمەكلىك سودادىن ئازراق، قارا كۈنجۈتتىن مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلايمىز. ئەمەن يوپۇرمىقىنىڭ ساپىقىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ، قايناقسۇغا ئازراق يېمەكلىك سودا سېلىپ ئەمەن يوپۇرمىقىنى قايناقسۇغا بېسىپ سۈزۈۋالىمىز، ئاندىن پارچە قىلىپ توغرايمىز، توغراپ تەييار بولغان ئەمەنگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قوشۇپ مېۋە سىقىش ماشىنىسىدا بوتقا قىلىمىز، تەييار بولغان ئەمەن بوتقىسىنى قۇرۇق نومى گۈرۈچ تالقىنى ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاق شېكەر سۈيى بىلەن تەكشى يۇغۇرۇپ، كىچىك پارچىلاپ جىلتە قىلىۋالىمىز، جىلتىگە پۇرچاق قىيمىسى سېلىپ، ئېغىزىنى تۈگۈپ، يۇمىلاق قىلىمىز، يۇمىلاق قىلىۋالغان ئەمەن كومۇلىچى يۈزىگە قورۇلغان قارا كۈنجۈت چېچىپ، كۈچلۈك ئوتتا 15 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.

   شىپالىق رولى: بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۆپكىنى، تالنى ئىللىتىپ، بەدەندىكى سوغۇقنى تارقىتىپ، ھۆللۈكنى يوقىتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت: ئەمەن، زەنجىۋىل قوشۇپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم 

  ئەمەن، زەنجىۋىل قوشۇپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم. تەييارلاش ئۇسۇلى: يېڭى ئەمەن يوپۇرمىقىدىن 10 گىرام، قۇرۇق زەنجىۋىلدىن 15 گىرام، تۇخۇمدىن ئىككى تال، قارا شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلايمىز. يالپاقلاپ توغرىغان قۇرۇق زەنجىۋىل بىلەن پاكىز يۇيۇلغان ئەمەن يوپۇرمىقى، تۇخۇمغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، سۇس ئوتتا تۇخۇمنى پىشۇرىمىز. ئاندىن پىشقان تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويۇپ، قازاندىكى دورا-دەرمانلىق سۇدا 10 مىنۇت قاينىتىپ، قارا شېكەر سالىمىز.

  شىپالىق رولى: بۇ رېتسىپ ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان سوغۇقتىن بولغان ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە نۇرغۇن سوغۇقلۇق ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ.

جۇڭگو خانىم-قىزلار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى