تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جاسارەت ۋە قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، قەھرىمانلىق خىسلىتىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ

− 2019- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ يېڭى مەنزىل ئاچقانلىقى توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خاۋ ۋېيۋېي

2019- يىلى، جۇڭگو ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر يىل بولدى.

جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، 4- ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت ئىككى ئابىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بىر چاغلاردا، ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى پاراكەندىچىلىك پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئېلىشىش كۈچىنى ئۇرغۇتقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلىغا كىرگەندە، ئارزۇنىڭ چاقىرىقى كىشى قەلبىنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇردى، كۈرەش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا ۋە كۈچلۈك بېسىلدى.

دۇنيادىكى چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، تىنچلىقنىڭ تەرتىپى، گۈللىنىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۈچلۈك زەربىگە ۋە خىرىسقا ئۇچرىدى، زوراۋانلىق سىياسىيسى ۋە سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇساپىسىنى ئاقسىتىپ قويدى، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق يەر شارى كەسىپ زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. تەرەققىياتتىكى ھاڭ ۋە سىياسىينىڭ قۇتۇپلىشىشى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشتى، دۇنيادا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى سىجىل كۆپەيدى.

بوران - چاپقۇن، ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىق كۆرۈلمەكتە. جاپا - مۇشەققەت، ئوڭۇشسىزلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، جاسارەتنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ؛ قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەردە تاۋلانغاندىلا، ئاجايىپ گۈزەللىكنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

2019- يىللىق كالېندارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆرۈلۈپ بولدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە قىلغان قەسىمى قۇلاق تۈۋىمىزدە ھېلىمۇ جاراڭلاپ تۇرماقتا: «پۈتۈن يەر شارىغا نەزەر سالساق، بىز 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. خەلقئارا ۋەزىيەتتە مەيلى قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش سەمىمىيىتى ۋە ياخشى نىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ».

ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش: «بىزنىڭ ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىمىز يۈز يىل، مىڭ يىلنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىدۇ»

باش باھاردىكى 3- ئايدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخىرلىشىپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا، رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەتكە چىقىش سەپىرىگە ئاتلاندى. «مەڭگۈلۈك شەھەر» رىمدا، ئۇ ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتېغا تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە مۇئامىلە قىلىشتىكى «جۇڭگو نەزەرى» ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىمىز يۈز يىل، مىڭ يىلنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىدۇ».

بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ ۋەزىيەت قارىشى ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى، كۆڭلى - كۆكسى ۋە ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. پارتىيە - گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىش ۋە سايلام مەنپەئىتىدىن ئىبارەت يىراقنى كۆرەلمەسلىك مەنتىقىسىنىڭ بىر قىسىم غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىنى بەلگىلىشى بارغانسېرى دائىملىق ئىشقا ئايلىنىۋاتقاندا، جۇڭگو رەھبىرى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر مەسىلىنى بىپايان زامان ۋە ماكان دائىرىسىدىن ئويلاشتى.

كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا پۇرسەت يارىتىلىدۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش جەريانىدا ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. 2019- يىلى، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يەر شارىۋى نەزەر، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، ئالغا ئىلگىرىلەش جاسارىتى بىلەن بىر پارچە يېڭى زېمىن ئاچتى.

بۇ بىر پارچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيەتچىل زىيارەتكە چىقىش مۇساپە تىزىملىكى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بەش قېتىم زىيارەتكە چىقىپ، تۆت مەيدان مۇھىم خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاسىيا - ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەتتە ئاياغ ئىزىنى قالدۇردى. ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن غەربىي ياۋروپادىكى تۈزلەڭلىككىچە، موسكۋا دەرياسى بويىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىسىغىچە، داتۇڭجياڭ دەرياسى بويىدىن دابەن قولتۇقىغىچە قەدىناس دوستلار بىلەن ئۇچرىشىپ، يېڭى دوستلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بىرمۇنچە ئۇنتۇلغۇسىز دوستلۇق داستانلىرىنى پۈتتى.

ئىتالىيە كۇيرىنالې سارىيىدىكى زۇڭتۇڭ كىتابخانىسىدا، زۇڭتۇڭ ماتارېللا بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى؛ موناكو خان سارىيىنىڭ جەمەت زالىدا، شاھزادە ئالبېرت II بىلەن ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى؛ فىرانسىيە نىستىكى بورانقۇش داچىسىدا زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ تارىخىنى ئەسلىدى؛ رۇسىيە ساينت پېتېربۇرگتىكى قىشلىق سارايدا زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن يېرىم كېچىگىچە ئايرىم سۆھبەتلەشتى؛ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭ سارىيىدا زۇڭتۇڭ ژېنبېكوۋ بىلەن چاي ئىچكەچ سەمىمىي پاراڭلاشتى؛ تاجىكىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زۇڭتۇڭ راخمان بەرگەن تاجىكىستان دۆلەت ئالىي ئوردېنى «تاج ئوردېنى»نى قوبۇل قىلدى؛ پىڭراڭ جىنشيۇشەندىكى مەرھابا مېھمانسارىيىدا كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن قورۇدا سەيلە قىلغاچ پاراڭلاشتى...

ياز ئوتتۇرىسىدىكى 6- ئاي ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن تۆت قېتىم چىقىپ، بەش دۆلەت ئالتە شەھەرنى كېزىپ، 90 مەيدانغا يېقىن ئىككى تەرەپلىك، «كىچىك كۆپ تەرەپلىك»، كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، 20 نەچچە چەت ئەل تەرەپ رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇچرىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتتى. چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشتا جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى مېلودىيەسى بىراقلا ياڭراپ، كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالدى.

خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچى بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، مېھمان مەيدان بىلەن ساھىبخانا مەيدان بىر - بىرىگە ماسلاشتى. دۆلەت ئىچىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيەدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى. فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن بىرلىكتە «2019 جۇڭگو - فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت يىلى»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، قازاقىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى پائالىيىتىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن «دوستلۇق بوستانلىقىنى ئورتاق يېتىشتۈردى»...

«دېڭىزغا سۇ قۇيۇلمىسا، قانداقمۇ چەكسىزلىككە ئىگە بولسۇن.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قويۇق دىپلوماتىيە كۈنتەرتىپى جۇڭگونىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى، بارغانسېرى پۇختىلىدى. تېخىمۇ پۇختا، تۇراقلىق، ھاياتىي كۈچكە باي جۇڭگو - فىرانسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى، جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، يېڭى دەۋر تەلىپىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلدى... 4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، كامبودژا، لائوس بىلەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەرىكەت پىلانىنى ئىمزالاپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر، دۆلەت ئەھۋالى ھەر خىل دۆلەتلەر ئارىسىدا قويۇق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنىڭ جانلىق دەلىلىگە ئايلاندى.

دىپلوماتىيە خۇددى شاھمات ئوينىغانغا ئوخشايدۇ، شاھمات ۋەزىيىتى ئېنىقسىز بولىدۇ، ھەم پۈتۈن تاختىدىكى يۈرۈش يۈزلىنىشىنى ئېنىق بىلىدىغان ئەقىل - پاراسەت بولۇشى كېرەك، ھەم تېز ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرالايدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك. بوران - چاپقۇن ۋە جاپا - مۇشەققەتلەرگە تولغان 40 يىلدا، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يەنە ئاچقۇچلۇق يول ئېغىزىغا كېلىپ قالدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر تەرەپلىمە ھالدا جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنى قوزغىدى، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر مەيدانىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش»قا پېتىپ قالارمۇ، دەيدىغان ئەندىشە قايتا ئەۋج ئالدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى دابەن باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو - ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى سەۋەبىدىن دىققەت قوزغىدى. «48 يىل ئىلگىرى، يەنى 1971- يىلى، بۇ يەردىن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىڭگۇۋۇدا، 31- نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان جۇڭگو - ئامېرىكا تىكتاك توپ تەنھەرىكەتچىلىرى دوستانە كۆرۈشكەنىدى...» رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا «تىكتاك توپ دىپلوماتىيەسى» كىچىك ھېكايىسىدىن باشلاپ، «جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق» دېگەن چوڭ داۋلىنى سۆزلىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى: ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي رىتىم قىلغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەر تارقىلىشى بىلەن ئەسلىدە قويۇق تۇمان قاپلىغان پۈتۈن يەر شارى كاپىتال بازىرىدىمۇ تەڭلا جانلىنىش بولدى.

ئەنگلىيە گامبرىج داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى مارتىن ياك ئىلگىرى مۇنداق دەپ سورىغانىدى: «جۇڭگو يەر شارىۋىلاشقان چوڭ دۆلەتكە قانداق ئايلىنىدۇ؟» ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق جاۋابقا ئېرىشتى: يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئەمدى يەر شارىۋىلىشىش ۋە ئۇنىڭ قائىدىسىنى پاسسىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىۋەرمىدى، بەلكى خەلقئارالىق قائىدىنى تۈزگۈچى ۋە بەرپا قىلغۇچىغا ئايلاندى. «ھازىر غەرب جەزمەن پاكىتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دۇنيادا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ خىل ئۆزگىرىشنى چۈشىنىشىمىز كېرەك».

سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش: «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان داغدام يول ئېچىش»

7- ئاينىڭ 10- كۈنى، «كىچىك دۆلەت» موناكو پۈتۈن يەر شارى بويىچە پۈتۈن زېمىنىنى 5G تورى رەسمىي قاپلىغان تۇنجى دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ دۆلەتنىڭ «پۈتۈنلەي رەقەملىك دەۋرگە كىرىش»تىن ئىبارەت ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو خۇاۋېي شىركىتى ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بولدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئورتاق گۇۋاھلىقىدا، خۇاۋېي شىركىتى رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش كارخانىسىنىڭ بىرى بولغان MTS بىلەن 5G تۈرى ھەمكارلىق ھەمراھلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغانىدى. «جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن 5G تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلىنىپ، يېڭى يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئورتاق يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى خالايدۇ»، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىدىكى بۇ ئىپادىسىنى خەلقئارادىكى تاراتقۇلار كۆپلەپ نەقىل كەلتۈردى.

چىن قەلبتىن دوست بولۇش، قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش. بىر قىسىم كىشىلەر جۇڭگو بىلەن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ «ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشىنى توسۇش خام خىيالىدا بولغاندا، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇردى، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا ئەمەل قىلدى، دۇنيا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتۇردى، بارغانسېرى قويۇقلاشتۇردى.

بۇ، كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدىغان بىر گۇرۇپپا رەقەم: 39 نەپەر چەت ئەل تەرەپ رەھبىرى، 150 دۆلەت، 92 خەلقئارا تەشكىلات، 6000 نەچچە چەت ئەللىك مېھمان، 283 تۈرگە يېتىدىغان ئەمەلىي نەتىجە تىزىملىكى، ئومۇمىي سوممىسى 64 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان تۈر ھەمكارلىق كېلىشىمى... بېيجىڭدا ئېچىلغان 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يەنە بىر قېتىم شەرقنىڭ سېھرىي كۈچىگە گۇۋاھ بولدى. گېرمانىيە تېلېۋىزىيە 1- قانىلى ھاياجان بىلەن: «ئادەتتە پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىلا مۇشۇنداق كۆپ رەھبەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلالايتتى» دېدى.

«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش تارىخىي ئېقىمىغا ئۇيغۇن، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.» رەئىس شى جىنپىڭ بۇ سۆزى بىلەن جۇڭگو تەشەببۇسىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىنىڭ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىنىڭ، كەڭ ھىمايە قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلدى. زۇڭتۇڭ ژېنبېكوۋ رەئىس شى جىنپىڭغا تەكلىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۇنى «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو رەئىس شى جىنپىڭغا ھىندونېزىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» مەخسۇس تۈر فوندى قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەڭ مەنىلىك بولغىنى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشتۇر.

جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، ئىتالىيە يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدىكى بۇ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى؛ جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئۈچىنچى تەرەپ بازار ھەمكارلىقى بويىچە 3- نۆۋەتلىك ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى تىزىملىكىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق تايانچ نۇقتىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى. ئوخشاش دېگۈدەك ۋاقىتتا، زۇڭلى مېركېلمۇ گېرمانىيەنىڭ 2020- يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قېتىملىق ياۋروپا - جۇڭگو باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، شۇ چاغدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا ئىجابىي رول ئويناشقا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

«تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە كونكرېت رايون ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق تۈرلىرىنى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن قاتناشقۇچىلارنى ئىنتايىن جانلىق شەكىلدە قاتناشتۇرۇش كېرەك.» رۇسىيە خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىگور ئىۋانوۋنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىر خىل خەلقئارا يېڭى تەرتىپكە تۈرتكە بولۇۋېتىپتۇ. ئۇ تەنقىدلىگۈچىلەر ۋە گۇمانلانغۇچىلارغا «بىر بەلباغ، بىر يول»غا تېخىمۇ پائال ئاتلىنىپ، كەلگۈسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىق قائىدىسىنى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

ئۆزى شەرھلەپ، ئۆزى تۈرتكە بولدى، رەئىس شى جىنپىڭ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش سەمىمىيىتى ۋە تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ جۇڭگونىڭ تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسى، جۇڭگونىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى رەت تەرتىپى قاتارلىق زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىگەن نوپۇزلۇق سانلىق مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، جۇڭگو بازىرىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ تېز ياخشىلانغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئۇ جۇڭگونىڭ «چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى»نى ئېلان قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش مەيدانىنى تەكىتلىدى. زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى زور كۈچ بىلەن «تونۇشتۇرۇپ» مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، مەخسۇس چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرىنى سېتىۋېلىشىمىز دەل سودىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، خەلقئارادىكى بەزى سودا پاسسىپ پەرقى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر.» 20 دۆلەت گۇرۇھى دابەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئۇ يەنە جۇڭگونىڭ بىر قاتار مۇھىم، زور ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى «جاكارلىغۇچى»غا ئايلاندى: پات ئارىدا 2019- يىل نۇسخىسىدىكى تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىمىز، يېڭىدىن ئالتە ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىمىز، كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن - تۈزۈمىنى يولغا قويىمىز...

جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن بولغان سودا سوممىسى داۋاملىق ئاشتى، جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە سالغان مەبلىغى ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، جۇڭگودا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى... دۇنيا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش قىزغىنلىقىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ كەلمەكتە. «جۇڭگو يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېشىش پۇرسىتى بار جاي» دېدى ماككىنسېي يەر شارىۋى باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ شېرىكى كېۋېن سىنايدېر.

ئەخلاق مىزانى: دۇنياغا مەسئۇل بولىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولۇشى كېرەك

ئىنسانلار تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، نۇرغۇن كىشى بەلكىم ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە نۇرغۇن تىكەننىڭ ئۈنۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. خەلقئارا تەرتىپ ۋە قائىدىلەر زەربىگە ئۇچرىماقتا، نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇر ۋە زومىگەرلىك قىلمىشلىرى ھە دەپ ئەۋج ئالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋاملىشىۋاتقان دېڭىز قولتۇقى قاتمال ۋەزىيىتى، تۆۋەنلەۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ھەمدە ياۋروپاغا قايتا - قايتا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى ئىنسانلارغا تىنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىدا دۇچ كەلگەن يېڭى تەھدىت، يېڭى خىرىسلارنى ئەسكەرتمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى بان كىمون قاتتىق ئەندىشە قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن 21- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ئەمما دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە بىر قاتار چوڭ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلدى.

ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەنە يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ، قانداق تاللاش جۈرئەت ۋە جاسارەتنى سىنايدۇ.

جۇڭگونىڭ ھۆكۈمى شۇكى − ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق ئۆزئارا زىچ باغلىنىپ باقمىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ باقمىغان، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

جۇڭگونىڭ قىلىدىغىنى شۇكى − تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا قائىدىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇش.

نۇرغۇن بوران - چاپقۇن ۋە قىيىنچىلىقلار كۆرۈلگەندە، ئەسلىي خىسلەت نامايان بولىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئارزۇسى.

جۇڭگو - فىرانسىيە يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىگە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر خەۋەرنى ئاڭلاپلا كەلدى. بۇ مۇنبەردە زۇڭتۇڭ ماكرون «خەلقئارا يېڭى تەرتىپكە ئورتاق ئېنىقلىما بېرىلىش»ىدىن زور ئۈمىد كۈتكەنىدى. مۇنبەردە، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى، ئىشەنچ قىزىل رەقىمى، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ خىرىسنى ئېنىق كۆرسەتتى ھەم بۇ «تۆت چوڭ قىزىل رەقەم»نى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش، ئۆزئارا كېڭىشىش، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ھەرقايسى دۆلەتلەردە دۇنياغا مەسئۇل بولىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولۇشى، ئاكتىپ ھالدا ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، قاراپ تۇرغۇچىلاردىن بولماي، ئورتاق تىرىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئۆز قولىدا ئىگىلەپ تۇرۇشى كېرەك».

− ئىككى پارچە ئىككى تەرەپلىك بايانات چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداش، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قوشما باياناتىدا، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ تۈپ مىزانىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھازىرقى زامان يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان بىردەك سادانى ياڭراتتى.

− تۆت مەيدان كۆپ تەرەپلىك يىغىندا جۇڭگو ئاۋازى ياڭرىتىلدى.

ساينت پېتېربۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: «ھازىر دۇنيادا كۆرۈلگەن بەزى يەر شارىۋىلىشىشقا قارشى يۈزلىنىش پەقەت يەر شارىۋىلىشىش ئېقىمىدا پەيدا بولغان بىرنەچچە بۇژغۇن.» ھازىرقى يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ «ئالتۇن ئاچقۇچ»نى چىقاردى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، باراۋەر بولىدىغان، كېڭىشىدىغان، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى رايون ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى دۈشەنبە باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان - ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئاسىيا، بىخەتەر - مۇقىم ئاسىيا، تەرەققىي قىلغان - گۈللەنگەن ئاسىيا، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان ئاسىيا، ھەمكارلىشىدىغان - يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاسىيا قۇرۇش قاتارلىق «بەش ئاسىيا» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايون ھەمكارلىق ئىدىيەسى ۋە يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى دابەن باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيانى ئېنىق كۆزىتىپ مۇنداق دېدى: «قەدىمدىن ھازىرغىچە، ئىنسانلارنىڭ بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە، ئايرىلىپ تۇرۇشتىن يۇغۇرۇلۇشقا يۈزلىنىشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمى بولۇپ كەلدى. بىز تېخىمۇ زور ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىگە قۇچاق ئېچىپ، تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلەپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.» باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو، فىرانسىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى بويىچە كىچىك دائىرىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىنى داۋاملىق قوللىدى.

دۇنياغا تۇتۇشۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلدى؛ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىدى. فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى راففاران مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ دۆلەت قاتارىدىن ئۆز ئورنىنى تاپتى، ئۇ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىدۇ ھەم دادىللىق بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىۋاتىدۇ.

باشتىن - ئاخىر تارىخ ۋە ئەخلاق مىزانىدىن ئىبارەت توغرا تەرەپتە تۇردى. چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، رايونى ئوخشاش بولمىغان، مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنى ھۆرمەتلەش، ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ كەمتەر، ئالىيجاناب ئىستىلىنى نامايان قىلدى.

«بىر دۆلەتكە باھا بېرىشتە، پەقەت كۆلىمىگىلا قاراشقا بولمايدۇ... بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان مىللىي خاراكتېرىمىز ۋە ئورتاق مەنىۋى ئىنتىلىشىمىز بىزنى يېقىن سىرداشلاردىن قىلدى.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى شاھزادە ئالبېرت IIنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

«ئىنسانلار پەقەت تېرىسىنىڭ رەڭگى، تىلى ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ. مەدەنىيلىك پەقەت رەڭدارلىق جەھەتتىنلا پەرقلىنىدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ يۇقىرى - تۆۋەنلىك، ئەلا - ناچارلىق پەرقى بولمايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «مەدەنىيلىك قارىشى» كورېيە ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئىممانوئىل پاسترىكتا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى: «ئۇ غەربنىڭ كېيىنكى ئويغىنىش دەۋرىدىن ھالقىپ كەتكەن قىممەت قارىشى ۋە ئۇسۇل سىستېمىسى ھەمدە ئومۇمىيلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئىنسانلار تەجرىبىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى».

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، بۇزغۇچىسى بولماسلىق، كۆۋرۈك سالغۇچىسى بولۇپ، ئورا كولىغۇچىسى بولماسلىق كېرەك. بۇ يىل 6- ئايدا، ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى ئىقتىساد ۋە تىنچلىق تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان «2019- يىللىق يەر شارىۋى تىنچلىق كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا: رەھبەرلىك قىلىش كۈچى جەھەتتە، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىشەنچىسى ئامېرىكىغا بولغان ئىشەنچىسىدىن ئېشىپ كەتتى، دېيىلدى.

خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى كۆزلەش. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يول بويى رولچى بولۇپ يول باشلىشىدا، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.