تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوسمان ھەسەننىڭ توخۇ فېرمىسى ئۈمىدكە تولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گاۋ ۋا، شيې خۇيبيەن

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى تاغئۆستەڭ كەنتىدىكى توخۇ فېرمىسىدىن قىزغىن كۈلكە - چاقچاق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىسى ئوسمان ھەسەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە توخۇ قەپەزلىرىنى يۇيۇۋاتاتتى. «يېڭى سېتىۋالغان چۈجىلەر پات ئارىدا يەتكۈزۈلىدۇ، كۆپچىلىك غەيرەت بىلەن ئىشلەيلى.» ئوسماننىڭ ئالدىراشچىلىقتىن ئۈستىبېشى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمگەن بولسىمۇ، غەيرىتى تولۇپ تاشقانىدى.

توخۇ قەپەزلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوسمان يەنە ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدىكى بوش يەرنى تۈزلەشكە باشلىدى، ئۇ بۇ يەرگە يەنە بىر رەت توخۇ كاتىكى ياساپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئىش ئارىلىقىدا، ئوسمان خوتۇنى ئاينىسا مەخەت بىلەن باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ كەلگۈسى پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى، ئۇلار پات - پات بىر - بىرىگە قاراپ كۈلۈشۈپ قوياتتى.

ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ بېكىنىۋالغان ئېرىنىڭ ھازىر ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، يەنە تېخى كەنتتىكى بېيىش قابىللىرىدىن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاينىسانىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى.

■ قارا بۇلۇت قاپلىغان ئاشۇ كۈنلەر

«دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىر پارچە قارا بۇلۇتقا ئوخشاش مېنى بېسىۋېلىپ، نەپەس ئالالماي قالدىم.» ئىلگىرىكى كۈنلەر تىلغا ئېلىنغاندا، ئاينىسانىڭ قوشۇمىسى ئىختىيارسىز تۈرۈلۈپ كەتتى.

ئوسمان دىنىي كەيپىيات قويۇق بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا دادىسى، ئاكىسىغا ئەگىشىپ قانۇنسىز «تەبلىغ»قە قاتنىشىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان. توي قىلغاندىن كېيىن، ئوسمان ئاتالمىش «دىنىي قائىدە» ئارقىلىق ئاينىسانى چەكلەپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «ئاياللار يالغۇز سىرتقا چىقسا بولمايدۇ، ئىشلەپ پۇل تاپسا تېخىمۇ بولمايدۇ، ئاياللار تاپقان پۇل مۇسۇلمانچە ئەمەس».

ئوسمان ئائىلىسىنىڭ 25 مو يېرى بار، لېكىن ئالدىنقى يىللاردا، ئۇنىڭ كاللىسى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن تولۇپ كەتكەچكە، زىرائەتلەرنى پەرۋىش قىلىشقا رايى بارماي، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈنى قىيىنچىلىقتا ئۆتكەنىدى. ئىقتىسادتا قىينالغاندا، ئاينىسا ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىپ، ئائىلە چىقىمىنى قامداشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئوسماننىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغانىدى.

ئاينىسانىڭ ئەڭ چىدىيالمايدىغىنى شۇكى، ئوسماننىڭ قىز بالا ئوقۇسا ھېچقانداق پايدىسى يوق، دىن ئۆگەنگەنگە يەتمەيدۇ، بالدۇرراق ياتلىق بولۇشى كېرەك، دەپ قاراپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىنى بىر مەھەل ئوقۇشتىن توختىتىپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلگىنى ئىدى. «بۇ ئىشلار ئۈچۈن بىز ئىككىمىز ئاز جېدەللەشمىدۇق. ئوسماننىڭ ئاتالمىش <دىنىي قائىدە>سى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان بىر ئارغامچىغا ئوخشاش بىزنى چىڭ ئىسكەنجىگە ئېلىپ، بىزنى ياخشى كۈن كەچۈرگىلى قويمىدى» دېدى ئاينىسا.

مۇشۇ يىللار جېدەل - ماجىرا بىلەنلا ئۆتتى، ئوسمان ئىلگىرى ئۆز قىلمىشى توغرىسىدا قايتا ئويلانغان بولسىمۇ، لېكىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە كۆپ يىل ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇ باشتىن - ئاخىر خاتالىقىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ تېگىگە يېتەلمىگەنىدى. ئاخىر، ئاينىسا ئۇنى كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ئېلىپ بېرىپ بىرقانچە قېتىم ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىقات لېكسىيەسىنى ئاڭلاتقۇزغاندىن كېيىن، ئوسمان ئاندىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى كۆپ قارىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

2017- يىلى، ئاينىسانىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئوسمان مارالبېشى ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە ئۆگىنىشكە كەلدى. «مەن پۇتۇڭخۇادا سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇم، ئەڭ مۇھىمى قانۇن ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەق - ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن ئالدانمايمەن. مەن ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنىمەن، بىز بۇنىڭدىن كېيىن كۈنلىرىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز» دېدى بىر مەزگىللىك ئۆگىنىشتىن كېيىن ئوسمان ئاينىساغا.

ئوسماننىڭ سۆزلىرى خۇددى مەيىن شامالدەك، ئاينىسانىڭ يۈرىكىنى بېسىپ تۇرغان قارا بۇلۇتلارنى تارقىتىپ، ئۇنى ناھايىتى خۇشال قىلىۋەتتى.

■ «ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلىشىپ ئادەمنى توغرا تاللاپتىمەن»

تەربىيەلەش مەركىزىدە، ئوسمان ئىدىيەسىدىكى گاڭگىراشنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. بۇ يىل 3- ئايدا، ئوسمان بىلەن جىيەنى نۇرئەخمەت نۇرمەمەت كەنتتە توخۇ فېرمىسى ئاچتى. ئوسمان بېقىش، باشقۇرۇشقا، نۇرئەخمەت بازارغا قاتراشقا مەسئۇل بولدى. ئالدىراش ۋاقىتلاردا، ئۇلار يەنە بىرقانچە كەنت ئاھالىسىنى ياردەملىشىپ ئىشلەشكە ياللىدى.

7- ئاينىڭ باشلىرى، توخۇ فېرمىسىدىكى 1- تۈركۈمدىكى توخۇلار كاتەكتىن چىقتى، 1700 توخۇ نەچچە كۈن بولمايلا پۈتۈنلەي سېتىلىپ تۈگىدى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر توخۇ 39 يۈەندىن سېتىلىپ، توخۇ فېرمىسى ئاچقاندىكى سېلىنما تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ئوسمان بىلەن نۇرئەخمەت 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى. «تاغام ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، ھازىر ئۇ ناھايىتى ئىشچان، تېخنىكا بىلىدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلىشىپ توخۇ فېرمىسى ئېچىپ، ئادەمنى راستىنلا توغرا تاللاپتىمەن» دېدى نۇرئەخمەت.

بۇ بىر قانچە كۈندە، ئوسمان توخۇ كاتەكلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش، توخۇ فېرمىسىنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇلار سېتىۋالغان 3000 چۈجىنى ناھايىتى تېزلا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. «كېيىن توخۇ فېرمىسىنىڭ ئىشلىرى بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئادەم ياللاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، سىزمۇ توخۇ فېرمىسىغا كېلىپ ئىشلەڭ، مەن سىزگە مائاش بېرىمەن» دېدى ئوسمان ئاينىساغا ئەستايىدىللىق بىلەن، «ئىلگىرى مەن خاتا قىپتىمەن، سىزنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىڭىزگە قارشى تۇرمىسام بوپتىكەن».

توخۇ بېقىپ پۇل تاپقاندىن باشقا، يەنە بىر ئىش ئوسماننى خۇشال قىلدى. قىزى ئاسىيە ئوسمان ئەمدىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تۈگەتكەن بولۇپ، نەتىجىسى يامان ئەمەس ئىدى. «قىزىم ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، مەنمۇ ئارقىدا قالسام بولمايدۇ.» بۇ مەزگىلدە، ئوسمان بوش ۋاقتى بولسىلا ئاينىسانى ئېلىپ بىرلىكتە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەندى.

تاغئۆستەڭ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇن ھەسەن كىچىكىدىنلا ئوسمان بىلەن بىللە چوڭ بولغان، قەدىناس دوستىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى. «ئىلگىرى ئوسمان باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىمايتتى، كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگىمۇ ئانچە قاتناشمايتتى. ھازىر ئوخشىمايدۇ، قانداقلا ئويى بولسا ئۇ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ» دېدى تۇرغۇن، «ئىلگىرى بىزنىڭ كەنتتە ئەمەس، يېزىدىمۇ تېخى ھېچكىم چوڭ كۆلەمدە توخۇ بېقىپ باقمىغانىدى. ئوسمان بۇ ئىشنى قىلىپلا قالماي، يەنە يامان ئەمەس قىلدى. ئۇنىڭ تېخنىكىسى بار، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، ھازىر ئۇ كەنتىمىزنىڭ بېيىش باشلامچىسى».

■ كەنتتىكى بېيىش باشلامچىلىرىدىن بولۇش

ئوسماننىڭ ئەينى چاغدا توخۇ فېرمىسى ئاچقاندىكى ئويى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگەنگەن تېخنىكىسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تەجرىبە توپلاش ئىدى. لېكىن بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئويىدا ئۆزگىرىش بولدى.

«تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئوسمان دائىم بىزنى ئىزدەپ سىردىشىدىغان بولدى. ئۇنىڭ توخۇ فېرمىسى ئېچىش ئويى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بىز كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن يۆلەش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ بەردۇق» دېدى مارالبېشى ناھىيەلىك ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتىنىڭ تاغئۆستەڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئابدۇسەمەت مۇسا.

توخۇ فېرمىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىرىنچى دەرىجىلىك مۇھىم ئىش. ئوسماننىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، دۆلەتباغ يېزىلىق چارۋا - مال دوختۇرلۇق پونكىتى تاغئۆستەڭ كەنتىنىڭ مال دوختۇرى غېنى مەمەتكە ئوسماننىڭ توخۇ فېرمىسىنىڭ پىلانلىق ئىممۇنىتېتلاش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىشىغا ياردەملىشىشنى ھاۋالە قىلدى. «ئوسمان، چۈجىلەر كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن مېنى مۇداپىئە ئوكۇلى ئۇرۇشقا چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.» 7- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن، قولىدىكى ئىشنى تۈگىتىپلا، غېنى توخۇ فېرمىسىغا كېلىپ، ئوسمانغا يۇقۇم مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەشنى تاپىلىدى.

توخۇ فېرمىسىدىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە گۇگۇم چۈشكەنىدى. ئاينىسا تاماق ئېتىۋاتاتتى، كىچىك ئوغلى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئويناۋاتقان بولۇپ، يەسلىدە ئۆگەنگەن بالىلار ناخشىسىنى غىڭشىپ ئېيتىۋاتاتتى. ھويلىدا بىرنەچچە ئىشچى تومۇز ئىسسىق يانغان مەزگىلدىن پايدىلىنىپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئوسمان بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپ كىرەلەيدىغان بولدى.

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئوسماننىڭ ئىشلىرى ۋە تۇرمۇشى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى. بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، يەنە بىرنەچچە كەنت ئاھالىسى توخۇ فېرمىسىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلىشىپ ئىشلىمەكچى بولدى.

«بىر ئادەم بېيىسا بېيىغان ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىك بېيىسا ئاندىن بېيىغان ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى خاتا يولدىن قايتۇرۇپ كەلدى، يەنە مېنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىمنى قوللىدى. مېنىڭ ئارزۇيۇم توخۇ فېرمىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى يېتەكلەپ بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش» دېدى ئوسمان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى