تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

قاراماي شەھىرىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %43.43كە يەتتى

چۆل - جەزىرىدىن ياشاشقا ماس كېلىدىغان يۇرت - ماكانغىچە

قاراماي شەھىرىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %43.43كە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شيې خۇيبيەن، پەرىزات خەۋەر قىلىدۇ: تومۇز ياز مەزگىلىدە، مۇخبىرلار قاراماي شەھىرىگە بېرىپ، تۆت ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتۈپ، ھەممە يەرنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەنلىكىنى كۆردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، قاراماي شەھىرىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %43.43كە، يېشىللىق كۆلىمى 115 مىڭ 700 موغا يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچە يېشىللىق كۆلىمى 11.17 كىۋادرات مېتىر بولغان.

ئىلگىرى بۇ يەردە ئوت - چۆپ يوق، سۇ يوق بولغاچقا، قۇشلارمۇ كەلمەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، قاراماي شەھىرى «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر» «دۆلەتلىك مۇھىت ئاسراشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر» «دۆلەتلىك باغ - ئورمان شەھىرى» «جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى» بولۇپ باھالىنىپ، كىشىلەر ئىنتىلىدىغان ئېكولوگىيەسى ياشاشقا ماس كېلىدىغان يۇرت - ماكانغا ئايلاندى.

1955- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى، قاراماي 1- قۇدۇقىدىن سانائەت نېفىتى ئېتىلىپ چىقتى، دۆلىتىمىزدىكى 1- چوڭ نېفىتلىك − قاراماي نېفىتلىكىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلاندى، شۇنىڭ بىلەن قارامايدىن ئىبارەت نېفىت سانائىتىنى تايانچ قىلىپ تەرەققىي قىلغان بۇ شەھەرمۇ يېتىلىپ چىقتى. 1958- يىلى 5- ئاينىڭ 29- كۈنى، گوۋۇيۈەن رەسمىي شەھەر قىلىپ قۇرۇشنى تەستىقلىدى.

ئەمدىلا بارلىققا كەلگەن قاراماينىڭ ھەممىلا يېرى بىپايان چۆل - جەزىرە ئىدى. بىراق ئازراق بولسىمۇ يېشىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، نېفىت ئىشچىلىرى بىر تەرەپتىن نېفىت ئېلىپ، بىر تەرەپتىن كۆچەت تىكتى، تىككىنى ئەي بولمىسا قايتا تىكىپ، 40 يىل قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ياشاشقا بولىدىغان تۇرمۇش مۇھىتىنى ياراتتى. 1979- يىلى، قاراماي شەھىرىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى پەقەت %1 ئىدى. 1999- يىلى، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %21.6كە يەتتى.

2000- يىلى، قاراماي دەرياسىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈپ سۇ باشلاندى. ئارقىدىنلا، قاراماي شەھىرى «چوڭ كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى» «چۆللىشىشنى تۈزەش» قاتارلىق ئېكولوگىيە تۈرلىرىنى باشلىدى، شەھەر ئىچى - سىرتىنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتى يىلىغا بىردىن ئىككىگىچە پىرسەنت پوئېنتلىق سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، تۈرلۈك كۆكەرتىش كۆرسەتكۈچلىرى پۈتۈن شىنجاڭدا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ھازىرغا قەدەر، قاراماي شەھىرىدە «بىر دەريا، بىر پارچە سۇلۇق يەر، تۆت پارچە ئورمانلىق، ئالتە كۆل»دىن ئىبارەت ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. 2018- يىلى، قاراماي شەھىرىنىڭ پۈتۈن يىللىق مۇھىت ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %92.4 بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 3- ئورۇندا تۇردى.

«ئۇزاقتىن بۇيان، قارامايلىقلار يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، گۈزەل نېفىت شەھىرى قۇرۇشقا بوشاشماي تىرىشتى» دېدى قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى چيەن جىفۇ.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. 2018- يىلى، پۈتۈن شەھەر كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 7 مىليون 432 مىڭ 800 ئادەم قېتىم، ساياھەت كىرىمى 6 مىليارد 341 مىليون يۈەن بولدى. 2014- يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ساياھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت كىرىمى بىردەك ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى نوقۇل ھالدا ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يارىتىشتىن ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، پۇل مۇئامىلە، ئۇچۇر، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق يېڭى گۈللەنگەن يېشىل كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى سانائەتنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، يېڭى گۈللەنگەن يېشىل ئىقتىسادنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى ۋە كەسىپلەر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

چيەن جىفۇ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە يېڭى گۈللەنگەن يېشىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قارامايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بايلىق تىپىدىكى شەھەرنىڭ تىپىنى ئىلمىي ئۆزگەرتىمىز، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى