تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنى پۈتكۈزگەن يەنە بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار (6- ئاينىڭ 18- كۈنى تارتىلغان). (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ خەۋىرى، فوتوسى)

شىنجاڭ تېببىي شۆيۈەنىنىڭ كونا مەكتەپ دەرۋازىسى. (سۈرەتنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى تەمىنلىگەن.)

1954- يىلى 3- ئايدا، ئۈرۈمچى مېدىتسىنا مەركىزىي رايونى (شىنجاڭ تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ئاساسى)دا تەييارلىق قۇرۇلۇشى باشلاندى، دۆلەت دەل ۋاقتىدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئوقۇتۇش، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تېخنىكا تايانچلىرىنى ئاجرىتىپ ياردەم بەردى.

1956- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى، داشۆ بۆلۈمىدە رەسمىي دەرس باشلاندى. 1962- يىلى، ئۈرۈمچى مېدىتسىنا مەركىزىي رايونى داۋالاش شىسىنىڭ 1- قارارى، 2- قارارىدا جەمئىي 189 نەپەر ئوقۇغۇچى ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، خىزمەت ئورنىغا چىقتى.

1998- يىلى، شىنجاڭ تېببىي شۆيۈەنى ۋە شىنجاڭ جۇڭگو تېبابىتى شۆيۈەنى بىرلەشتۈرۈلۈپ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى بولۇپ قۇرۇلۇپ، مەكتەپ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا ناھايىتى زور يۈكسىلىش بولدى؛ ماگىستىر ۋە دوكتورلاردىن مەكتەپتە قالىدىغانلار سانى كۆپەيدى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىدا ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش بولدى؛ ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ بۇ يەردە ئوقۇتىدىغان بولدى.

كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىدە ھازىر 22 شۆيۈەن، بۇ بار بولۇپ، 26 تولۇق كۇرس كەسپى تەسىس قىلىندى، ھەر يىلى پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتكە 3000دىن كۆپرەك مۇنەۋۋەر مېدىتسىنا ئىختىساسلىقلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى داشۆلەر ھەم تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى