تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شەندۇڭ كوماندىسى مەملىكەتلىك تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياللار كوللېكتىپىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ زېۋېي، يىن سىيۈەن): چېن مېڭ يېتەكچىلىكىدىكى شەندۇڭ ئاياللار كوماندىسى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى تيەنجىندە 3:2 نەتىجىدە جۇ يۈلىڭ يېتەكچىلىكىدىكى «1- ئاۋغۇست» نەنچاڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، 2019- يىللىق مەملىكەتلىك تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياللار كوللېكتىپىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. چېن مېڭ ئىككى مەيدان يەككە ئويناش تۈرىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇشىدىكى تۆھپىسى ئەڭ چوڭ ماھىر بولدى؛ جۇ يۈلىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئىككىلا مەيدان مۇسابىقىدە رىقابەتچىسىگە يېڭىلىپ قالدى.

  شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن «1- ئاۋغۇست» كوماندىسى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 3:2 نەتىجىدە رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ كەچتىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قوش كىشلىك مۇسابىقىسىدە، «1- ئاۋغۇست» كوماندىسىنىڭ ماھىرى چېن كې / مۇ زى ياخشى ماسلىشىپ، 0گە قارشى 3 نەتىجىدە شەندۇڭ كوماندىسىدىكى ۋاڭ شياۋتۇڭ / گۇ يۈتىڭنى ئاسانلا يەڭدى. ئارقىدىن تۇنجى مەيدان يەككە ئويناش مۇسابىقىسىدە جۇ يۈلىڭ بىلەن چېن مېڭ تۇتۇشتى، جۇ يۈلىڭ تۇنجى ئايلانمىدا 13:11 نەتىجىدە يەڭدى، كېيىنكى ئايلانمىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 8:11، 6:11، 9:11 نەتىجىدە، يەنى 1:3 ئومۇمىي نەتىجىدە چېن مېڭغا يېڭىلىپ قالدى. ئىككى كوماندا 1:1 ئومۇمىي نەتىجىدە تەڭلەشتى.

  مۇ زى گۇ يۈتىڭنى 1گە قارشى 3 نەتىجىدە ئۇتتى، «1- ئاۋغۇست» كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ئالدىغا ئۆتتى. بىراق، يەنە مەيدانغا چىققان جۇ يۈلىڭنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولماي 2:3 نەتىجىدە شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ 2000- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان كىچىك ماھىرى ۋاڭ شياۋتۇڭغا يېڭىلدى، مۇسابىقە 5- مەيدانغا قەدەم قويدى. يەنە مۇسابىقىگە قاتناشقان چېن مېڭ ھالقىلىق پەيتتە كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي 1گە قارشى 3 نەتىجىدە چېن كېنى يېڭىپ، شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ 3:2 ئومۇمىي نەتىجىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ چىقاردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى