تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى جان - دىل بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوكوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 16- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى جان - دىل بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 16- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىش كېرەك. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى - مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، تولىمۇ ئاسان بولمىغان نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ دانا، توغرا بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى ۋە ھۆكۈمىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئاساسنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. «بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، «1+3+3+ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل چوڭقۇر قېزىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بازار تەمىناتىغا، مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، بازار سۇبيېكتلىرى تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تۈپ پىرىنسىپ ۋە باش ۋەزىپە قىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، «قاتتىق» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۆزىتىش - تەكشۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان نازارەت قىلىش تورى ئورنىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش - تۈزىتىش ۋە نەتىجىنى تەتبىقلاشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دائىملىق نازارەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پائال تۈردە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 16- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۈردە ھەربىي سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، ليۇ ۋەنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.