تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرايلى

− نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جاسارەت بىلەن نەتىجە ياراتقاندىلا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتقاندىلا ئاندىن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

7- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل، تەتقىق قىلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلەندى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى جان - دىل بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇمىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم بولۇش، مىكرو سىياسەت جانلىق بولۇش، ئىجتىمائىي سىياسەت تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشتەك ئومۇمىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىقتىسادنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى تۇتۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق نىشان - ۋەزىپىلەرگە دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. «مۇقىملىق»نى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىپ، ماكرو سىياسەتنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش، خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىدە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن قوغداپ، ئىلھام بېرىپ، تېخىمۇ دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ سىياسەت توسالغۇسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار، ئىچكى - تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش كۆزدە قاراپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىچكى بازار ئەۋزەللىكىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ياخشى تاشقى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى زىچ چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئاساسى ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىسلاھات چارىسىنى كۆپ قوللىنىپ ئىستېمالنى كېڭەيتىش؛ ياسىمىچىلىق كەسپى سېلىنمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەرلەر توپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش؛ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى زورايتىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ياسىمىچىلىق كەسپى، پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتىلغان ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەپ، خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ بازار تەمىناتى ۋە مال باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا يۈزلەندى، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇش ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ. بىز ھەم ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى كۆرۈشىمىز، ھەم دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. بىز پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى جان - دىل بىلەن تولۇق ئادا قىلىدىغانلا بولساق، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى