تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 8- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سۇڭ داخەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك، تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى، مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21 - نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ جاۋشىڭ يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەركەزنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 27- كۈنىگىچە، مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتى ئەھۋالىغا قارىتا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى. 7- ئاينىڭ 25- كۈنى، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىدا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك دوكلاتى قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. سۇڭ داخەن مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنى ۋە يولداش گو شېڭكۇننىڭ سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئاپتونوم رايوننىڭ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىنى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك دوكلاتى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش تىزىملىكى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەكلىپ تىزىملىكى»نى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

سۇڭ داخەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش «قاتتىق زەربە بېرىش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش «قاتتىق زەربە بېرىش» مەخسۇس كۈرىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قارا، رەزىل كۈچ بولغان «ئۈچ خىل كۈچ»كە كۈچلۈك زەربە بېرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە يەنە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى بايقالدى، ئاساسلىقى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشىدا پەرق بار، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەخسۇس كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشى، «بىر دېلودىن ئۈچ تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى تەكشۈرۈش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەمدە گەۋدىلىك قالايمىقان ھادىسىلەرنى تۈزەشكە يېتەكچىلىك قىلىشى دېگەندەك جايىدا بولمىغان، تۆۋەنگە مەسئۇلىيەت بېسىمىنى يەتكۈزۈشى دېگەندەك قاتتىق بولمىغان، دېگەندەك ئەمەلىي بولمىغان، بەزى جايلار ۋە كەسىپلەر - تارماقلارنىڭ مەخسۇس كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش نەتىجە - ئۈنۈمى دېگەندەك كۆرۈنەرلىك بولمىغان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش «قاتتىق زەربە بېرىش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش خاھىشى ساقلانغان.

ئاپتونوم رايوننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە ساقلانغان مەسىلىلىرىگە قارىتا، سۇڭ داخەن ئالتە نۇقتىلىق تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىدىيەۋى ئېغىشنى توغرىلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك ئارقىلىق مەخسۇس كۈرەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىككىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تېزلىتىپ، زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كېڭىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ دېلو، مۇھىم دېلولاردا «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»، ئەيىبلەش، قاراپ چىقىشتىكى «قانۇن جېڭى»نى ئورتاق ياخشى قىلىش كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بىلەن «مالىيە مەنبەسى ۋە يېڭى قان تولۇقلاشنى ئۈزۈپ تاشلاش»نى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسىنى ئۈزۈل - كېسىل ۋەيران قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپ مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا، رەھبەرلەرنى نۇقتىغا چېتىش، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈرىگە تىزىش، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتىن ئىبارەت قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر قېزىپ ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك. «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىش، مۇناسىۋەت تورىنى بۇزۇش»نى ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىش مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، «بىر دېلودىن ئۈچ تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى تەكشۈرۈش» سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە زەربە بېرىش بىلەن قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىشنى بىرلەشتۈرۈپ، «بىرىنچى سەپتىكى قوش يادرو»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماس قەدەمدە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىش، مۇناسىۋەت تورىنى بۇزۇش» كېرەك. بەشىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەنت ئاھالىلەر «ئىككى كومىتېت»ى نامزاتلىرىنى بىرلىشىپ تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىلەر «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىغا «قايتا قاراپ چىقىش»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە قالايمىقان نۇقتىلار، قالايمىقان ھادىسىلەرگە قارىتا كېسەلگە قاراپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ئالتىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، باھالاشنىڭ «ئاۋاز بېرىش ئەسۋابى»نى ئاممىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، مەخسۇس كۈرەشنىڭ باشتىن - ئاخىر خەلق رايىغا ئۇيغۇن بولۇشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشى، خەلقنىڭ رايىغا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىدە، شىنجاڭنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجە - ئۈنۈملىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر كۆرسىتىپ بېرىلدى، تۈزىتىش تەلىپى ۋە پىكىر - تەكلىپلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، چوڭقۇر، ئورۇنلۇق، ئەجەللىك يەرگە دەل تەگكەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، قاراتمىلىققا، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە، بىزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشىمىزنى كۈچلۈك يېتەكچىلىك ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ چوقۇم مەركەزنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، ھەممىسىنى تولۇق ئۆتكۈزۈۋېلىپ، قەتئىي تۈزىتىش، ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكنىڭ «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەيدۇ.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۈكسەك ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا «قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ» «ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ» «تىزىملىككە توغرىلىنىپ»، مەسىلە ئېنىقلانمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش جايىدا بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش تىزىملىكىنى چىقىرىپ، تۈزىتىش نىشانى، ۋاقىت چەكلىمىسى، تەلىپى، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرى تۈزىتىلسە بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاپ تۈگىتىش، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى تولۇق تېگى - تەكتىگىچە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك نەتىجىلىرىنى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەر جىنايىتىگە زەربە بېرىشنى قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، ئاساسىي قاتلامدىكى «چىۋىنگە زەربە بېرىش» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش - يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زەربە بېرىش، جازالاشقا يەنىمۇ كۈچەش، پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ يەنىمۇ ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاممىۋى خىزمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى مەسئۇل رەھبىرىي يولداش، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ماسلىشىدىغان ئەزا ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار، بەنزە ئەزالىرى ھەم مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.