تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئالتاي: يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت ساياھەتچىلەرنى خاتىرجەم ساياھەت قىلىش، رازى بولۇپ قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، باۋ دۇڭشى، جاڭ تىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 29- كۈنى، مۇخبىرلار ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىلتاش بازىرى سارقامىس كەنتىدە زىيارەتتە بولغاندا، كەنت غول يولىنىڭ يېنىغا بىر سۇ چۈشىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىنغانلىقىنى، ناھايىتى پاكىز تازىلانغانلىقىنى كۆردى. «كەنتىمىز تاڭباخۇ مەنزىرە رايونىغا يېقىن بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەت ئاپتوموبىلى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ، بۇ ئاممىۋى ھاجەتخانا ساياھەتچىلەرگە كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى» دېدى كەنت ئاھالىسى كۈلەش مەنتەي مۇخبىرلارغا.

كەنت بېشىدىكى كىچىككىنە ئاممىۋى ھاجەتخانا ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئالتاي ۋىلايىتى ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپلا قالماي، ئىشنى ئىنچىكە ھالقىلاردىن باشلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، غىزالىنىش، قونۇش، يول يۈرۈش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈردى.

«بۇ يىل بىز ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، <ئۈچ تەس بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق> (ھاجەتخانا تېپىش تەس بولۇش، ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش، ماي قاچىلاش تەس بولۇش، ئالاقە سىگنالى راۋان بولماسلىق) مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق.» ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ كېچۈەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئالتاي ۋىلايىتى 29 مېھمانخانا قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، يېڭىدىن 7000غا يېقىن كارىۋاتنى كۆپەيتكىلى بولىدىكەن؛ ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسىدىن 35نى، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاممىۋى ھاجەتخانا ۋە يېمەك - ئىچمەك ئورۇنلىرىدىكى ھاجەتخانىدىن 1300نى يېڭىدىن سالىدىكەن ۋە ئۆزگەرتىپ سالىدىكەن؛ 14 ماي قاچىلاش پونكىتى، بەش ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى تاماملايدىكەن؛ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ۋىلايەت دائىرىسىدە كۆچمە خەۋەرلىشىش سىگنالى قاراڭغۇ رايونى بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

ئاممىۋى ھاجەتخانىلار ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپلا قالماي، پۇقراۋى قونالغۇ مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلمەكتە. 7- ئاينىڭ 30- كۈنى، خۇبېيلىق ساياھەتچى ۋاڭ جىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ، كۆكتوقاي بازىرىنىڭ تاراتى كەنتىدە قوندى. «بۇ يەردىكى پۇقراۋى قونالغۇنىڭ بۇنداق ياخشى سېلىنغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن، ئۆيلەر پاكىز، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىكەن، گەرچە كەنتتە بولساقمۇ، ھاجەت قىلىش، يۇيۇنۇش قاتارلىق مەسىلىلەردىن پۈتۈنلەي ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدىكەن.» ئايرىلىدىغان چاغدا، ۋاڭ جىڭ ئۆزىنى باسالماي ماختاپ كەتتى.

تاراتى كەنتى كۆكتوقاي بازىرىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئېرتىش دەرياسى ۋادىسى مەنبەسىدىكى 1- كەنت، «ئېرتىش دەرياسىدىكى 1- كەنت» دەپ ئاتالغان، تېخىمۇ مۇھىمى يىراق - يېقىنغا داڭقى چىققان پۇقراۋى قونالغۇ كەنتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 200 ئەتراپىدا ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ.

«پۇقراۋى قونالغۇ ساياھەتچىلەرنى تۇرار جاي بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ساياھەتچىلەرنى گۈزەل قونالغۇ تەسىراتىغا ئىگە قىلىشى، كەلسە كەتكۈسى كەلمەيدىغان، كەتسە يەنە كەلگۈسى كېلىدىغان قىلىشى كېرەك.» كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كان گېئولوگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تاراتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى جېڭ دۇڭچيەن مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆيلەرنى بىرتۇتاش ئۆزگەرتىپ، ھويلا - ئارانلارنى گۈزەللەشتۈردى. بولۇپمۇ كەنتنىڭ تۇرۇبا سۈيى، يۇندى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

قاتتىق دېتاللارنىڭ دەرىجىسى ئۆستى، يۇمشاق دېتاللارمۇ يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. جېڭ دۇڭچيەن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: كەنت تاماق ئېتىش، مېھمانساراي مۇلازىمىتى قاتارلىق تۈرلۈك تېخنىكا - ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كۈتۈۋېلىش قائىدە - يوسۇنلىرىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، مۇلازىمەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى قونالغۇلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. «بىز پەقەت قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلساقلا، ئاندىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلالايمىز، ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ قالالايمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى گۇلپاران قابۇلقازى.

بۇ يىل 9- ئايدا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۇنجى ئالىي كەسپىي شۆيۈەن − ئالتاي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ شۆيۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋۇ جيەنجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شۆيۈەن ساياھەت باشقۇرۇش، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، مېھمانخانا باشقۇرۇش قاتارلىق ئالتە كەسىپنى تەسىس قىلماقچى بولغان بولۇپ، بۇ يىل 600 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىدىكەن. «شۆيۈەن ئاساسلىقى يۇقىرى ساپالىق، ماھارەت تىپىدىكى ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى ۋۇ جيەنجۈن.

ئاقىل پۈتۈن رايون ساياھەت سۇپىسى ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئۆستۈردى، يېڭىدىن سېلىنغان مېھمانخانا، پۇقراۋى قونالغۇلار ساياھەتچىلەرنى راھەت قونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، «بوشلۇق ئاپتوبۇسى»نى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ يول يۈرۈشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى... ئالتاي ۋىلايىتى يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى خاتىرجەم ساياھەت قىلىش، رازى بولۇپ قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى