تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى چېخ كوماندىسىنى يەڭدى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 8- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى (جاۋ شىنيۆ): 8- ئاينىڭ 2- كۈنى، 2019- يىللىق خەلقئارا ۋالىبولچىلار بىرلەشمىسى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ۋالىبول سالاھىيەت مۇسابىقىسى جۇڭگو نىڭبو بېيلۇندە باشلاندى. رىئودى ژانىيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى تۇنجى مەيداندا چېخ ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، جۇڭگو كوماندىسى بارلىق ئاساسلىق ماھىرلارنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى. نەتىجىدە، جۇڭگو كوماندىسى 18:25، 23:25، 19:25 نەتىجىدە، يەنى  0گە قارشى 3 ئومۇمىي نەتىجىدە رىقابەتچىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ قېتىملىق سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيداندا غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى