تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار 2023- يىلىدىن باشلاپ 32 كوماندىغا كۆپەيتىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پارىژ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۇ بىن): خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: مۇدىرىيەت يىغىنى 2023- يىلدىن باشلاپ دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنى ھازىرقى 24 كوماندىدىن 32 كوماندىغا كۆپەيتىشكە بىردەك قوشۇلدى.

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2023- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلاندى، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس سۇنغان توققۇز ئورۇن ئەسلىدە 10- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن بۇرۇن ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك ئىدى، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇدىرىيىتى ئالاھىدە ئۇسۇلدا دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنى كۆپەيتىش قارارىنى چىقارغانلىقتىن، بۇ ئىش 10- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە جۇڭگو شاڭخەيدە ئېچىلىدىغان كېيىنكى قېتىملىق مۇدىرىيەت يىغىنىدا كېڭىشىشكە قالدۇرۇلدى.

مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندا سانىنى كۆپەيتىش قارارىنى چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يەنە 2023- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش سۈرئەت جەدۋىلىنى يېڭىلىدى. بۇ يىل 8- ئايدا، ئاللىبۇرۇن ئۆتكۈزۈشكە ئىلتىماس سۇنۇپ بولغان ئەزالار ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسىنى قايتىدىن مۇقىملاشتۇرىدۇ، باشقا سالاھىيىتى توشىدىغان ئەزا جەمئىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش مايىللىقىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ. ئىلتىماس سۇنۇش مۇددىتى 12- ئايدا ئاخىرلىشىدۇ. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2020- يىلى 4- ئايدا ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسىنى باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان جاينىڭ 2020- يىلى 5- ئايدا مەيدانغا كېلىشىدىن ئۈمىد بار.

كوماندا كۆپەيتىلگەندىن كېيىنكى دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار سەككىز كىچىك گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ، ھەربىر گۇرۇپپىدا تۆت كوماندا بولىدۇ. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ھەرقايسى قىتئەلەردىكى پۇتبولچىلار بىرلەشمىلىرى بىلەن سان تەقسىملەش لايىھەسىنى مۇزاكىرىلىشىدۇ، مەزكۇر لايىھە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتىدۇ.

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىنۋانتىنو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىدە كۈتۈلمىگەن غەلىبىگە ئېرىشتۇق، بۇ، مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللار پۇتبول تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئىنۋانتىنو فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىنى «بىر قېتىملىق ئەڭ قالتىس ئاياللار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى بولدى» دېدى.

فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئىنۋانتىنو ئاياللار پۇتبول تەنھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە بەش تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندا سانىنى كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت، يەنە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى، دۇنيا بىرلەشمە لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى تەسىس قىلىشنى، كېيىنكى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىشنى، كېيىنكى تۆت يىللىق دەۋر تەرەققىياتىدا ئاياللار پۇتبول تەنھەرىكىتىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1991- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە جەمئىي 12 كوماندا قاتناشقان، 1999- يىلى 16گە كۆپەيتىلدى، 2015- يىلىدىن باشلاپ، دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى ھازىرقى 24 كوماندا مۇسابىقىلىشىدىغان تۈزۈمدە ئىككى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا لوڭقىسى ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارنى كۆپەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان سەككىز كوماندىنى كۆپەيتىش بولۇپلا قالماي، ھازىردىن باشلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئەزا جەمئىيەتلەرنىڭ ئاياللار پۇتبول تەنھەرىكەت تەرەققىيات تۈرلىرىنى قوزغىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش نامزاتىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى