7- ئاينىڭ 31- كۈنى، U6 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى كوماندىنىڭ كىچىك ماھىرلىىرى قول ئېلىشماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 7- ئاينىڭ 31- كۈنى، 2018-2019 مۇسابىقە پەسىللىك NYBO ياش-ئۆسمۈرلەر ۋاسكېتبول ئاشكارا مۇسابىقىسى مەملىكەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شېنجېن شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتىپىدە ئاياغلاشتى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 40 مۇسابىقە رايونىدىكى 110 كوماندىدىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق كىچىك ماھىر ئالتە كۈندە گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، شاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق يىللىق ئومۇمىي چېمپىيونلۇقنى تالاشتى ھەمدە ھەربىر گۇرۇپپىنىڭ نومۇر شاھى، گاردىن قايتقان توپ شاھى، ياردەمچى ھۇجۇم شاھى قاتارلىق شەخس مۇكاپات تۈرلىرىگە ئېرىشتى. (لياڭ شۈ فوتوسى)