تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى كۈچەپ ياخشى قىلايلى

− نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ئاساسنى چىڭىتىپ، زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىش ھەر خىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىشىمىزدىكى ئاچقۇچ.

7- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، تەتقىق قىلىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەم «قانداق قاراش كېرەك»لىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ھەم «قانداق قىلىش كېرەك»لىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئۆز ئىشىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

بۇ يىلدىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ماكرو سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى مۇۋاپىق پەيتتە مۇۋاپىق يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى «مۇقىم» بولدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە «ئىلگىرىلەش» بولدى، يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى «يارقىن» بولدى، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بوشلۇقى «كەڭ» بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلەت ئىچى شارائىتىدا چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايدى. لېكىن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك مۇھىم، زور ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرى ۋە ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەت ئېففېكتى سىجىل نامايان بولۇپ، كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدىغان سىياسەت زاپىسى يەنىلا يېتەرلىك، بىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئاساسىمىز بار.

ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى يېتەرلىك تىرەكلىك شەرتنى ھازىرلىغان. دۆلىتىمىزدە 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇس، 900 مىليون ئەمگەك كۈچى، 170 مىليون ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ۋە تېخنىكا - ماھارەتكە ئىگە ئىختىساسلىقلار بايلىقى، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەر توپى، 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى بار، بۇ، غايەت زور بايلىق يوشۇرۇن كۈچىدۇر؛ دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا تايىنىدۇ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىستېمالنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60تىن ئېشىپ كەتتى، ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى، بۇ، كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر؛ بۇلتۇر «ئۈچ يېڭى» ئىقتىساد قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %16.1 بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ھەمبەھرە ئىقتىساد قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز زورايدى، بۇ، جۇشقۇن تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىدۇر. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردىكى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى چوڭ بولۇشتەك ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرمىدى، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنىڭ ياخشى تىرەكلىك ئاساسى ۋە شارائىتى ئۆزگەرمىدى، جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بىز ئاجايىپ مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتۇق. يېڭى مۇساپىدە، بىز ھەم جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىپ، ھەم يولنىڭ ئەگرى - توقايلىقى، قىيىنچىلىقنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى تولۇق تونۇپ، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېز سۈرئەتتە ئۆستۈرۈلۈپ، تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى سىجىل كۈچىيىپ، ئېشىشنىڭ سىجىللىقى ئۈزلۈكسىز مەركەزلىشىپ، تاشقى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرقەدەر چوڭ يۆتكىلىش بوشلۇقى ھازىرلاپ بەردى. يەنە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش داۋامىدا ئەمەلىي كۈچنى ئاشۇرۇشتا، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىشتا، پائال ئىلگىرىلەش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدىغان تولۇق شارائىتىمىز، ئىقتىدارىمىز، ئىشەنچىمىز بار.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى سىجىل، يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ توپلىغان مول ماددىي تېخنىكا ئاساسىغا، مول ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تەجرىبىسى ۋە يېتەرلىك سىياسەت بوشلۇقىغا ئىگە، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندىلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى