تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي ئوفىتسېر، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېرلىرىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

7- ئاينىڭ 31- كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى بېيجىڭ 1- ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي ئوفىتسېر، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېرلىرىغا بۇيرۇقنامە بەردى. بۇ، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي ئوفىتسېر، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېرلىرى بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى شۈەنلياڭ) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى بېيجىڭ 1- ئاۋغۇست بىناسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي ئوفىتسېر، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېرلىرىغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى.

چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 11دىن 40 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ قېتىم شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي ئوفىتسېر، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېرلىرى: ھەربىي كومىتېت جابدۇق تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شاڭفۇ، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى يۈەن يۈبەي، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ جېڭجى ۋېييۈەنى ۋۇ شېجوۋ، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ جېڭجى ۋېييۈەنى فەن شياۋجۈن، ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ جېڭجى ۋېييۈەنى جۇ شېڭلىڭ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭيۈەنى شېن جىنلۇڭ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جېڭجى ۋېييۈەنى چىن شېڭشياڭ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭيۈەنى دىڭ لەيخاڭ، دۆلەت مۇداپىئەسى داشۆسىنىڭ مۇدىرى جېڭ خې، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ جېڭجى ۋېييۈەنى ئەن جاۋچىڭ.

شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ئون ھەربىي ئوفىتسېر، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېرى رەتلىك قىياپەتتە، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق ھالدا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانى پاگونى تاقىغان ئون ھەربىي ئوفىتسېر، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېرى شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى، قوراللىق ساقچى ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ھەربىي ئوفىتسېر، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېرلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ھەمدە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ مۇئاۋىن ئۇرۇش رايونى ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى رەھبەرلىرى قاتارلىقلار ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.