تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شەرەپلىك نام بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن شەخسكە مېدال ۋە گۇۋاھنامە بەردى

شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئورۇنلارغا لەۋھە بەردى

7- ئاينىڭ 31- كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شەرەپلىك نام بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن بىر شەخسكە مېدال ۋە گۇۋاھنامە بەردى، شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئۈچ ئورۇنغا لەۋھە بەردى. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن شەخس ۋە ئورۇن ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى شۈەنلياڭ) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شەرەپلىك نام بېرىش مۇراسىمى 7- ئاينىڭ 31- كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن بىر شەخسكە مېدال ۋە گۇۋاھنامە بەردى، شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئۈچ ئورۇنغا لەۋھە بەردى.

1- ئاۋغۇست بىناسىنىڭ مۇراسىم نەق مەيدانىدا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى رەتلىك سەپكە تىزىلغان بولۇپ، كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەر ئەتراپىدا، 18 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى ھۆرمەت قەدەم بىلەن مەيدانغا كىرىپ، قورال تۇتۇپ ئىككى ياندا كۈتۈپ تۇردى، نام بېرىش مۇراسىمى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندا بىرلىكتە دۆلەت شېئىرى ئۈنلۈك ئوقۇلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ شى جىنپىڭ ئىمزالىغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شەرەپلىك نام بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

«مىنا تازىلاشتىكى قەھرىمان جەڭچى» شەرەپلىك نامىغا ئېرىشكۈچى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم مىنا تازىلاش - پارتلاتقۇچ بىرتەرەپ قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى دۇ فۇگو خوتۇنىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەھنە ئالدىغا كەلدى، شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا قەھرىمان نەمۇنىچى مېدالى ئېسىپ قويدى، گۇۋاھنامە بەردى، ئۇنىڭ بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئاۋانگارت ئۇچۇش چوڭ ئەترىتى» شەرەپلىك نامىغا ئېرىشكەن ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم لۈيىنىڭ ئۇچۇش 1- چوڭ ئەترىتى، «ئالەم قاتنىشىدا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى نەمۇنىلىك يەر يۈزى پونكىتى» شەرەپلىك نامىغا ئېرىشكەن 63798- قىسىم يەر يۈزى ئۈسكۈنە پونكىتى، «جەڭ ئۈچۈن پەن تەتقىق قىلىش ئاۋانگارتى» شەرەپلىك نامىغا ئېرىشكەن 63837- قىسىم مەلۇم ئىشخانىسىغا ئايرىم - ئايرىم لەۋھە بەردى.

نام بېرىش مۇراسىمى ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. شى جىنپىڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن شەخس ۋە ئورۇنلار ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ھەمدە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق چوڭ ئورۇنلارنىڭ مۇئاۋىن ئۇرۇش رايونى ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى رەھبەرلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋە مۈلكىي خادىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.