تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كولومبىيە زۇڭتۇڭى دۇك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 31- كۈنى خەلق سارىيىدا كولومبىيە زۇڭتۇڭى دۇك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 40 يىل ئىلگىرى، كولومبىيە ھۆكۈمىتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش قارارى چىقارغان، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ دادىسى ئەينى چاغدىكى ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇپ، بۇ تەدبىرنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشلانغان پەيتكە گۇۋاھ بولغان. بۈگۈن جۇڭگو - كولومبىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقى سىزنىڭ ۋە مېنىڭ قولۇمغا يەتكۈزۈلدى. بۇ قېتىم سىز مەخسۇس جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن جۇڭگو - كولومبىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پائال كۈچ چىقىرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز، مەن بۇنى يۈكسەك تەرىپلەيمەن. جۇڭگو تەرەپ كولۇمبىيە تەرەپ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تۈگۈننى چۆرىدەپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق پىلانلاپ، جۇڭگو - كولومبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كولومبىيە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كولومبىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ۋە توقۇنۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئېچىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كولومبىيە تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ئەدلىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەلرايى ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خەلقئارا سىستېمىنى ئورتاق قوغداپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇم مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە بولۇپ، خەلقئارا ئەندىزىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى خەلقلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ئىزچىل ھۆرمەت قىلىدۇ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بىرگەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياراشتۇرۇش، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، كولومبىيە تەرەپ بىلەن ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ. جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقى ماھىيەت جەھەتتە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى دائىرىسىگە تەۋە بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى تەرەپ بىلەن بىللە جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

دۇك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە مۇھىم خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىنتايىن قايىلمەن، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. كولومبىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت پات يېقىندا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئىجادىيەت كەسىپلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كولومبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمەن. جۇڭگو - كولومبىيە ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىر ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق تۈرىنىڭ كولومبىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە مەدەت بولىدىغانلىقىغا، كولومبىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى دۇنياۋى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، كولومبىيە تەرەپ ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كولومبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم ئۇنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ. كولومبىيە تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا دۇك ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، جاڭ چۇنشيەن، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى