تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتايلى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتايلى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى نەشر قىلىنىدىغان 15- سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش، ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش، قانداق قىلىپ خەلقنىڭ مەڭگۈ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش، قانداق قىلىپ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش − بىز جەزمەن ياخشى جاۋاب بېرىشكە، ياخشى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ مەسىلە. پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى تەلەپ قىلىشى پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنىڭ پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە - ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكى، قانچە ئۇزاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى - بۇرچىنى شۇنچە ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەكلىكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى شۇنچە يوقىتىپ قويماسلىقى كېرەكلىكى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز ماركسىزم بىلەن قوراللانغان پارتىيە، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلغان ھەم ئىزچىل پارتىيەنىڭ بارلىق كۈرەشلىرى جەريانىدا نامايان قىلغان. پارتىيەنىڭ تارىخىنى ئەسلىسەك، نېمە ئۈچۈن پارتىيەمىز شۇنچە ئاجىز، كىچىك ئەھۋالدىمۇ پەيدىنپەي راۋاجلىنىپ زورىيالىدى، قانلىق قىرغىنچىلىقتا ھەر قېتىم ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغاندا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشەلىدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ماڭالىدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا بولسۇن، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، بۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىدى، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىشى ۋە قەتئىي قوللىشىغا ئېرىشتى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن كۈچلۈك بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بولۇشى كېرەك. ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىدا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، ھەرگىزمۇ بىرئاز توختىۋېلىش، ئارام ئېلىۋېلىش ئويىدا بولماسلىق كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا ئاچقۇچ مەسىلىلەرگە توغرا قاراش ئاڭلىقلىقى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش جاسارىتى بولۇشتا، ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.