ھەرىكەت قىلىش ساغلاملىققا پايدىلىق، بىراق، «كۈندە 10 مىڭ قەدەم مېڭىش» راستىنلا ئەڭ ياخشى ئۇسۇلمۇ؟ يېقىندا، چەت ئەللىك ئالىملار ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياشانغان ئاياللارغا نىسبەتەن، كۈندە تەخمىنەن 4400 قەدەم ماڭسىلا ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن ھەمدە 7500 قەدەم ماڭغاندىن كېيىنمۇ ئۆلۈم خەۋپى بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆۋەنلىمەيدىكەن.
بۇ تەتقىقاتقا 16 مىڭ 741 ئايالنىڭ سانلىق مەلۇماتى كىرگۈزۈلگەن، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 72 بولۇپ، ئاكسېلېرومېتىرنى تاقاش ئارقىلىق كۈندە ماڭغان قەدەم سانى ھېسابلانغان. تەتقىقاتتا 4.3 يىل ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىنغان، بۇ مەزگىلدە، 504 ئايال ئالەمدىن ئۆتكەن. تەھلىلدىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى پىيادە ماڭغان قەدەم سانى (يەنى كۈندە 2718 قەدەم) ئەڭ ئاز بولغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى 4363 قەدەم ماڭغان ئاياللارنىڭ ئۆلۈم خەۋپى %41 تۆۋەنلىگەن؛ ھەر كۈنى 5905 قەدەم ماڭىدىغانلارنىڭ ئۆلۈم خەۋپى %46 تۆۋەنلىگەن؛ ھەر كۈنى 8442 قەدەم ماڭىدىغانلارنىڭ ئۆلۈم خەۋپى %58 تۆۋەنلىگەن. بىراق، مېڭىش ئارقىلىق سالامەتلىككە كۆرسىتىلگەن پايدا 7500 قەدەم ماڭغاندىن كېيىن مۇقىملاشقان. تەتقىقات ئارقىلىق يەنە، ماڭغاندىكى سۈرئەتنىڭ ئۆلۈم خەۋپى بىلەن باغلىنىشىنىڭ يوق ئىكەنلىكى بايقالغان.