تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىنىڭ يېڭى سارىيى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى

7- ئاينىڭ 29- كۈنى، شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا جياڭسۇ ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان كۇتۇپخانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، پۈتۈنلەي يېڭى قىياپەتتە جەمئىيەتكە رەسمىي ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

ھەر مىللەت كىچىك دوستلار يېڭى بېزەلگەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا 1957- يىلى قۇرۇلغان، بۇ كونا كۇتۇپخانىدا پەقەت 80 مىڭ پارچە كىتاب ساقلانغان بولۇپ، يىلدا كۈتۈۋالىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانى 10 مىڭ ئادەم قېتىمغىمۇ يەتمەي، ئۇزاق مۇددەت دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ باھالاش ئۆلچىمىگە يېتەلمىگەن ئىكەن. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا يولۇققان قىيىن ئەھۋالنى ياخشىلاش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىنىڭ يېڭى سارىيىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ نۇقتىلىق تۈرى قاتارىغا كىرگۈزگەن.

بۇلتۇر 12- ئايدا، ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ھەمدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار نەنجىڭغا بېرىپ، نەنجىڭ كۇتۇپخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، تەكشۈرۈشكە قاتناشتى، ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىرلەشتى. نەنجىڭ كۇتۇپخانىسى دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك كۇتۇپخانا بولۇپ، 112 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۆلكە دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى كۇتۇپخانا شۇنداقلا جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ بىرى. بۇ يىل 1- ئايدا، نەنجىڭ كۇتۇپخانىسى مەخسۇس كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى كونكرېت مەزمۇن ۋە نىشاننى بېكىتتى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن، نەنجىڭ كۇتۇپخانىسى 72 مىڭ پارچە كىتاب ئاجراتتى، يۈرۈشلۈك «لىبو كۇتۇپخانىسىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى» بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ قىممىتى 3 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەنجىڭ كۇتۇپخانىسى يەنە جياڭسۇ فېڭخۇاڭ گۇرۇھى ياردەم قىلغان 20 مىڭ پارچە كىتابنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى پىششىقلاپ، كۇتۇپخانا باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇراشتۇرۇپ تەڭشەش، 100 مىڭ پارچىغا يېقىن كىتابنى رەتلەپ جازىغا چىقىرىش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئۇلاش خىزمىتىنى تاماملاشقا ياردەم بەردى ھەمدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا خىزمەتچىلىرىنى ئالاقىدار كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىدى.

جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئىختىساس ئىگىسى، نەنجىڭ كۇتۇپخانىسى ئوقۇرمەنلەر مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جۇ چۈنلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىدا ساقلانغان كىتاب 180 مىڭ پارچىغا يېتىپ، دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك كۇتۇپخانىنىڭ ساقلانما سەۋىيەسىگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىدا 0 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان بالىلار كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش ئۆيى، بالىلار پائالىيەت ئۆيى، كىتابخانا، كۆپ ئىقتىدارلىق زال، ئىلمىي دوكلات زالى، مۇھاكىمە ئۆيى ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلىم ئاشۇرۇش رايونى قاتارلىق ئادىمىيلىكلەشتۈرۈلگەن ئىقتىدار رايونلىرى كۆپەيتىلىپ، لىبو كۇتۇپخانىسىنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسى قوزغىتىلىپ، مۇلازىمەتچىسىز كىنىشكا بېجىرىش، ئارىيەت ئېلىش ئۈسكۈنىسى، كىتاب ئىزدەش ئۈسكۈنىسى، كىتاب دېزىنفېكسىيەلەش ئىشكاپى، ئۈندىدار ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىش سىستېمىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق تور مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىغاندا ئوقۇغىلى بولىدىغان «<بۇلۇت> ھېس قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، كۇتۇپخانىنىڭ قوللىنىشچان كۆلىمىمۇ ئەسلىدىكى 730 كىۋادىرات مېتىردىن 6240 كىۋادىرات مېتىرغا كېڭەيتىلىپ، كۈندىلىك كۈتىۋېلىنىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانى 20 ئادەم قېتىمدىن 200 ئادەم قېتىمغا يەتتى.

يېڭى كۇتۇپخانىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا ساقلانمىلار مول، ئىقتىدارى تولۇق، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زامانىۋى كۇتۇپخانىغا ئايلىنىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى ۋەكىللىك نەتىجە بولۇپ قالدى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن يەنە نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك كۇتۇپخانىلارنىڭ دەرىجىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

جياڭسۇ ئىقتىساد گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى