تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا گۈللەر ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار گاۋ لىجۈەن، ۋۇ شيالى فوتوسى، خەۋىرى): تومۇز ئىسسىق بولۇۋاتقان 7-ئايدا، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بىليۇخې بازىرى خۇاڭگۇڭ كەنتىدىكى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا، كىشىلەر ئۆزلىرىنى خۇددى كۆز يەتكۈسىز گۈل دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلىشاتتى. ساياھەتچىلەر پات-پات گۈل-چېچەكلەر ئارىسىدا توختاپ، بەس-بەستە سۈرەتكە چۈشۈپ، گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلدى.

  خۇاڭگۇڭ كەنتى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى 2018-يىلى تەسىس قىلىنغان، ئۇ مەملىكەت بويىچە A4 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولغان جامبۇلاقنىڭ ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جامبۇلاق پۈتۈن رايون ساياھىتى ئالتۇن بەلبېغىغا جايلاشقان. تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىنىڭ  ئەمەلىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1100 مو بولۇپ، گۈل-گىياھ سەيلىسى قىلىش، مېۋە-چېۋە ئۈزۈش، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەتلىرى بار، ئوبلاست بويىچە ئەڭ چوڭ، ئاپتونوم رايون بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان گۈل-گىياھ سەيلىسى مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ.

بىليۇخې بازىرى خۇاڭگۇڭ كەنتىدە تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ يەردە سەيلە قىلىپ، سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىليۇخې بازىرى جامبۇلاق ئايلانما لىنىيەسىدىكى رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بىليۇخې بازىرى خۇاڭگۇڭ كەنتى تىيانشان گۈل دېڭىزى، خۇاڭگۇڭ شادلىق جىلغىسى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، بىليۇخې بازىرىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى