تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئون نەچچە سودىگەرلەر جەمئىيىتى ئۆمەك تەشكىللەپ، بايىنبۇلاقنىڭ ساياھەت كەسپىنى كۆزدىن كەچۈردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋىرى): شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان بايىنبۇلاق ئۆزگىچە تەبىئىي بايلىقى بىلەن كىشىلەرنى جەلپ قىلاتتى .7-ئاينىڭ 28-كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستى خېنەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خېبېي باۋدىڭ خېنەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى شۇنداقلا قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، ئىلى، قاراماي، تۇرپان، قومۇل، 2-شى، 5-شى، 6-شى قاتارلىق جايلاردىكى خېنەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ 180 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىل تاپقان مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى بايىنبۇلاققا تەكلىپ قىلدى، ھەمدە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى بايىنبۇلاقنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستى بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلارنى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشكە جەلپ قىلدى.

  ئارقىدىن ئېچىلغان مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى سۆھبەت ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكى كارخانىچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بايىنبۇلاقنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، ساياھەت بايلىقى زىچ توپلاشقان، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى روشەن، مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۇتاشتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، بايىنبۇلاققا بالدۇرراق مەبلەغ سېلىپ گۈللەندۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بايىنبۇلاقنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسىنى زور كۈچ  بىلەن تەشۋىق قىلىپ، خېنەنلىك تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنى بايىنبۇلاققا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

  مەنبە: بايىنغولىن گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى