تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ما چىڭيەن، ئەزھەر فوتوسى، خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، يەنجى ناھىيەسى دەنزىل بازىرى بوغدا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ياڭ جىروڭنىڭ لاڭخا ئېتىزىدا، يەنجى ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ لاڭخا يىغىشىپ بەردى. بۇ يىل، بۇ كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى 50 مو يەرگە لاڭخا تېرىغان، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى بىر شىركەت بىلەن سېتىش توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى 2400 يۈەنگە يېتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتكەن.
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى