تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چيۇڭ): 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى ئاقسۇغا كەلدى، ئۇلار 1 يىلدىن 3 يىلغىچە بولغان پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاقسۇنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە قاتنىشىدۇ.
ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ قېتىم قوبۇل قىلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى فۇدەن داشۆسى، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسى، شىئەن قاتناش داشۆسى، شەندۇڭ داشۆسى قاتارلىق 91 ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن بولۇپ، مائارىپ ئىلمى، خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، يەسلى مائارىپى، ئىدىيەۋى-سىياسىي مائارىپ قاتارلىق ئوخشىمىغان 115 پەن كەسىپكە چېتىلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ 2019-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربىي رايون پىدائىيلار مۇلازىمىتى پىلانى تۈرى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ۋىلايەت يېڭىدىن قوبۇل قىلغان 168 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربىي رايون پىلانى پىدائىيسى باي ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسى، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.