جۇڭگو تورى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى خەۋىرى: بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئېلان قىلغان 2019-يىللىق بېيجىڭ بىر كۈنلۈك ساياھەت ئىستېمال كەچۈرمىشىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ بىر كۈنلۈك ساياھەت سىناق شەكلىدىكى تەكشۈرۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۇدا ئۈچ يىل سىجىل ئاشقان، ئىستېمال مۇھىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى ياخشىلانغان، لېكىن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئالاقىدار توختام، قاتناش، ياتاق، تاماق، ساياھەت يېتەكچىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدىكەن.
تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى بېيجىڭنىڭ بىر كۈنلۈك ساياھىتىنى ھېس قىلغاندىكى ئېرىشكەن نومۇرى 86.8، 2018-يىلى 80.49، 2017-يىلى 77.76 بولغان، ئۈچ يىلدا ئېرىشكەن نومۇرى تۇراقلىق ئاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېقىنقى ئۈچ يىلدا ساياھەت ئىستېمال توختامىنىڭ ئىمزالىنىش ئەھۋالى ياخشىلانغان. ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ توختام ئىمزالاش نىسبىتى جەھەتتە، 2017-يىلى ۋە 2018-يىلىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن، بېيجىڭنىڭ بىر كۈنلۈك ساياھەت توختامى ئىمزالاش نىسبىتى %65 بولغان. 2019-يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بېيجىڭنىڭ بىر كۈنلۈك ساياھەت توختامى ئىمزالاش نىسبىتى %70 بولغان، 2019-يىلى توختام ئىمزالاش نىسبىتى داۋاملىق ئاشقان، شۇنداقلا «سېتىشتىن كېيىنكى ئەرز قىلىش» جەھەتتە، تەكشۈرۈشتىن ئېرىشكەن نومۇر 93.93 بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە «ئەرز قىلىشنى ئومۇمىي جەھەتتىن باھالاش»تىن ئېرىشكەن نومۇر 90 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن ئاشقان.
بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارنى ساياھەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ساياھەت لىنىيەسىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولۇق ئىگىلەپ، ساياھەت توختامى ئىمزالاش ھەمدە تۆۋەن باھالىق ئۆمەك، ھەقسىز ئۆمەك ساياھەت لىنىيەسىدىكى ساياھەتتىن ھوشيار بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداشقا ئاگاھلاندۇردى.